جۇڭگو ياشلار تورى خەۋىر لەگلەك تورى تەرجىمىسى.يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى نۆۋەتلىك ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچىى قېتىملىق سۆھبەت نەتىجىسىگە ئاساسەن ،شۇ جاي ۋاقتى 26-دېكابىر كېچىدە ،ئۇكرائىنا دائىرلىرى بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى خەلق قوراللىقلىرى ئەسىرلەرنى ئالماشتۇردى .
شۇ كۈنى كېچىدە ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك سۆھبەت نەتىجىسى رەسمىي ئەمەلىيلەشتى .خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ئاخىرىدا ئۇكرائىنا دائىرلىرى بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى ئەل ئىچى قوراللىقلىرى 222 ئەسىرگە 150 ئەسىرنى ئالماشتۇرغان .ئەسىرلەر دونسىك شەھىرىگە يىراق بولمىغان رايون ياكىنوۋا بازىرىدا ئالماشتۇرۇلغان .خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش ئاگېنتلىقى ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكۇنىڭ باياناتىدىكى سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ،شۇ كۈنى 146 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ قۇيۇپ بېرىلگەنلىكى قالغان تۆتىنىڭ 27-دېكابىر قۇيۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ،نۆۋەتتە يەنە 680 ئۇكرائىنا ئەسكىرى شەرقىي قىسىمدىكى ئەل ئىچى قوراللىقلىرىنىڭ كونتروللىقىدا ئىكەن .ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئۇكرائىنا ياۋروپا بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق تەشكىلاتى روسىيە بېلوروسىيە پايتەختى مىنسىكىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ تۇنجى يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇردى .ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەل ئىچى قوراللىقلىرى ۋەكىلى يىغنغا قاتناشتى .ھەر قايسى تەرەپلەر يىغىندىن كېيىن مەزمۇنى ۋە نەتىجىسىنى ئاشكارىلىمىدى .
ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش نۆۋەتتىكى ئاشكارىلانغان بىر دىنبىر مەزمۇن بۇلۇپ بۇ خەۋەرنى ئىككىنچى كۈنى ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ۋەكىلى مۇئەييەنلەشتۈردى .سۆھبەت نەتىجىسىدە ئۇكرائىنا دائىرلىرى 225 ئەل ئىچى قوراللىقلىرى ئەسىرىنى 150 ئۇكرائىنا ئەسىرىگە ئالماشتۇرۇشقا كېلىشكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved