تۆت كۈن داۋاملاشقان 2015- يىللىق ئۈرۈمچى (ئەتىيازلىق) ئۆي - زېمىن يەرمەنكىسى 17- ماي ئاياغلاشتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆت كۈندە شەھىرىمىزدە جەمئىي 4321 يۈرۈش تاۋار ئۆي سېتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە يەرمەنكىدە سېتىلغىنى 3894 يۈرۈش ئىكەن.
ئۆي - زېمىن يەرمەنكىسىدە تاۋار ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ يەر خېتى بېجى، ئۆي مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققىگە مالىيەدىن پۈتۈنلەي تولۇقلىما بېرىشتەك ئېتىبارلىق سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاھالىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1- يانۋاردىن 17- مايغىچە شەھىرىمىزدە 16 مىڭ 683 يۈرۈش تاۋار ئۆي سېتىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 45.96% ئاشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved