تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى قانداق يېگەندە ئەڭ ساغلام بولىدۇ؟

تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەردە ساقلىنىۋاتقان بىرىنچى مەسىلە ــ بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ناترىي زىيادە كۆپ بولىدۇ.بۇنداق يۇقىرى تەركىبتىكى ناترىي مىقدارىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا بولغان خەتىرى خېلى چوڭ.
ئىككىنچى مەسىلە ــ تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ ياغ مىقدارى زىيادە كۆپ، چۈنكى گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىبىدىكى ياغ مىقدارى ئاز بولغاندىمۇ %20 تىن كەم بولماسلىقى كېرەك.


بۇ ئىككى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى‹‹ گۆشلۈك يېمەكلىك بىلەن گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش››. ئالدى بىلەن تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكنى بىردىنبىر ئاساسلىق تاماق قىلىۋالماسلىق كېرەك. ئىككىنچىدىن، تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكنى پىشۇرغاندا ئازراق كۆكتات قوشۇۋېتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ياغنىڭ، ناترىينىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، يەنە غىزالاردىكى تالالار، كۆپ تۈردىكى ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىمۇ تولۇقلىغىلىمۇ بولىدۇ.


توڭلىتىلغان گۆشنى يېمەكچى بولغاندا، ئىسسىق سۇ بىلەن تېز سۈرئەتتە ئېرىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئىسسىق سۇ بىلەن توڭلىتىلغان گۆشنى ئېرىتمەكچى بولغاندا، توڭلىتىلغان گۆش تەركىبىدىكى ياغ بىلەن ۋىتامىن ئېقىپ كېتىدۇ ھەم گۆشنىڭ ساپلقىمۇ يوقاپ كېتىدۇ.


توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا بىرىنچىدىن، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش مۇددىتىنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك. يەنى ئورالمىغا يېزىلغان زاۋۇتتىن چىقىش ۋاقتىغا قاراپ، ئامال بار تېخى زاۋۇتتىن يېڭىلا چىققان توڭلىتىلغان يېمەكلىكنى تاللاش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى بىر ئاي ئىچىدىكى مەھسۇلات بولۇشى كېرەك. ياغ مىقدارى قانچە يۇقىرى بولغان يېمەكلىكنىڭ ساپلىق دەرىجىسىگە شۇنچە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەھسۇلاتنىڭ ھالىتىگە قاراش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
12-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
24-05-2016
1. دورا ئىچكەندە تاماكا چەكمەڭ. 2. ئاسپىرىننى ئىچكەندە ھاراق ۋە مېۋە شەربىتى ئىچمەڭ. 3. بېربېرىنى چاي بىلەن بىللە ئىچمەڭ. 4. بىروفىننى ئىچكەندە قەھۋە ۋە كولا ئىچمەڭ. 5. ئانتىبىيوتىك دور...
24-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تەتقىقات ئۆمىكى مۇشۇ ئاينىڭ 24- كۈنى ئەنگىلىيە تەبىئەت ژۇرنىلىدا پە-تەتقىقات نەتى...
22-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 22-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستانلىق 13 ياشلىق ئوغۇل بالا ماھېندىرا (Mahendra) تۇغما مۇسكۇل كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، بوينى تىك تۇرمايدىغان، ساڭگىلاپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغان، بۇنىڭ بىل...
22-05-2016
    بەلنىڭ چىم بولۇشى تۈرلۈك جىددىي خاراكتېرلىك بەل ئاغرىشتىن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار، شوپۇرلار ھەمدە تەنھەرىكەتچىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.     بەل چىم بولۇپ ئاغرىغاندا، مۇۋ...
21-05-2016
    ئامېرىكا ستەنفورد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانىنىڭ ئاۋازى بالىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نېرۋا ھۈجەيرىسى زەنجىرى بىلەن چوڭ مېڭە ئوتتۇرسىدىكى تۇتۇشىشنى كۈچەيتىدىكەن، ئانىسىنىڭ گېپىنى كۆپرەك ئاڭلاپ بېرىش...
20-05-2016
    تەپتىش ئورگانلىرى قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارەتكە چېتىشلىق 125 گۇماندارنى قولغا ئالدى، ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت سادىر قىلغان 37 ئادەمگە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تەستىقلىدى. مۇخبىرنىڭ 20-چېسلا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى...
20-05-2016
    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 19- ماي جەنۋەدە ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: يەر شارى نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى 2000- يىلدىن 2015- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 5 ياش چوڭىيىپ، 71.4 ياشقا كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ...
20-05-2016
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 19-ماي ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن ئون بەش يىلدا يەرشارى ئوتتۇرىچە مۆلچەر ئۆمرى بەش ياش يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دېدى. بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيە ئاياللىرى ۋە شىۋېتسارىيە ئەرلىرىنىڭ مۆلچەر ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن، ئايرىم-ئا...
19-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا شىمالىي كارولىنالىق بىر ئايال ھامىلدار بولغىنىغا توققۇز ئاي بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلىپ، تەخمىنەن 45 كىلوگىرام ئېغىرلى...
18-05-2016
يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قىسمى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ كېلىشىملىك مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 2016 – يىللىق ئاساسىي قاتلام ساقلىق ساقلاش خىزمىتى يىغىنى يېقىندا ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاسا...
Powered by Leglek