كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدىن باشلاپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 9-يۈرۈش قانىلى يەنى XJTV-9 قانىلى ، ( 10-يۈرۈش قانىلى يەنى XJTV-10 خەنزۇچە تەنتەربىيە قانىلى خەنزۇچە تارقىتىدۇ.) شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنىڭ جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن ئۇيغۇرچە تارقىتىدۇ.
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 9-يۈرۈش قانىلى يەنى XJTV-9 قانىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىچكى ئورۇنلىرى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى بىلەن شېنياڭ جوڭزې كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىنى سىناق تەرىقىدە نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ.
يەنە 4-ئاينىڭ 19 كۈنى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى بىلەن يەنبىيەن چۈەن ياڭچۈەن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىدۇ. ( ئەڭ مۇھىمى مېھمان مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىنىڭ بىۋاستە تارقىتىش سىگنالى بولۇشى كېرەك.) ساھىبخان مۇسابىقىلەرنى بولسا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 10-يۈرۈش قانىلى يەنى خەنزۇچە تەنتەربىيە قانىلى بىلەن ماس قەدەمدە بىۋاستە تارقىتىدۇ.
دېمەك شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مۇسابىقىلەرنى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە قوش تىل بويىچە تارقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
سىنا مىكرو بىلوگى خەۋىرى،لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved