ئەنگىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجسىگە قارىغاندا، مەيلى ئۇزاق ياكى قىسقا ۋاقىت ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەك–ئىچمەك ئىستېمال قىلىنسا، سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يېتىدىكەن. ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا، چاشقانغا توققۇز كۈن ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگۈزگەندە، ھەرىكەت ئىقتىدارى چوڭ مېڭە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن.
ئەنگىلىيە ئوكىسفورد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئالدى بىلەن 42 تەجرىبە چاشقىنىغا ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى بەرگەن، بۇ، ئىنسانلارنىڭ ياغ مىقدارى تۆۋەن بولغان سۇلۇ ۋە قورۇق يەل–يېمىش يېگىنى بىلەن باراۋەر. ئارقىدىن تەتقىقاتچىلار چاشقانلارغا ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى بەرگەن، بۇ، ئىنسانلارنىڭ ياغ تەركىبى يۇقىرى بولغان ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېگىنى بىلەن ئوخشاش.
نەتىجىدە، ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تەجرىبە چاشقىنى ياغ تەركىبى يوقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن يۈگۈرۈش ماشىنىسىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن: ياغ تەركىبى يوقىرى يېمەكلىكلەرنى يەپ 5–كۈنى ئەڭ ئۇزۇن يۈگۈرۈش ئارىلىقى%30 قىسقىراپ كەتكەن، 9– كۈنى %50قىسقارغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەجرىبە چاشقىنىنىڭ ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بۇرۇنقىدىن ئۆرلەپ كەتكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved