ھوللىۋودنىڭ داڭلىق رېژىسسورى كاسىرىن خاردۋېك يىغىنغا قاتناشتى ۋە تاماشىبىنلارغا سالام بەردى
ئۆز خەۋىرىمىز. 24-ئىيۇن، مۇخبىرىمىزنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالىدىغان چوڭ تىپتىكى فىلىم «كىروران»نىڭ تاراتقۇلار ئۇچرىشىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ھوللىۋودنىڭ داڭلىق رېژىسسورى كاسىرىن خاردۋېك رېژىسسورلۇق قىلغان، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالىدىغان چوڭ تىپتىكى فىلىم «كىروران»نى سۈرەتكە ئېلىش كېلەر يىلى شىنجاڭدا باشلىنىدىكەن.
فىلىمدە يىپەك يولىدىكى سىرلىق ئەپسانىۋى كىروران دۆلىتى بايان قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ باي-باياشات، مولچىلىقتىن زاۋاللىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا يوقىلىشتەك ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ. فىلىمدە كىروراننىڭ ئايال شاھى مۇھەببەت ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغايدۇ، ئىنسان تەبىئىتى، يالغانچىلىق ۋە شەخسلەر تەقدىرنىڭ دولقۇنىدا ھېكايىدىكى ھەر بىر شەخس ئۈستىدە گۈزەللىك ۋە رەزىللىك، ساداقەت ۋە خائىنلىق، ۋاز كېچىش ۋە چىڭ تۇرۇش قىسمەتلىرى ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ.
«كىروران»نىڭ ئاساسلىق ئىجادكارلىرى جۇڭگو، ئامېرىكا، فىرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتتىن، ئارتىسلار خەلقئارا ۋە مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق چولپانلاردىن تەشكىللەنگەن. باش فىلىم ئىشلىگۈچى خۇ ياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر فىلىمنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى بەش يىل ئىشلەنگەن بولۇپ، جەمئىي بىر مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، فىلىم جەمئىي ئۈچ بۆلەك بولۇپ، 1-بۆلىكى كېلەر يىلىدىن باشلاپ سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، فىلىم ئېلىشقا 138 پەرغانە ئېتى، شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس چالغۇلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلىرى قاتناشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن دۇنياغا گۈزەل شىنجاڭ نامايان قىلىنىدىكەن. رېژىسسورلار بۇ قېتىم شىنجاڭدىن كۆرۈنۈشكە ئالىدىغان جاينى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن.
ــ فىلىمنىڭ باش تېمىسى تىنچلىق ۋە مۇھىت ئاسراش. فىلىم ئىنسانىيەتكە نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلگەندە ۋە ئېكولوگىيەنى ئاسرىمىغاندا بۈگۈنكى يەر شارىمىزنىڭ ئەتىكى كىرورانغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ،-دېدى خۇ ياڭ مۇخبىرغا.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved