لەگلەك تورى تەرجىمىسى:4-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلىگىراممىسى: قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئوتۇربايوف 23-ئاپرېل پارلامنىتتا 2014-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندىن كىيىن، زۇڭلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئوتۇربايوفنىڭ دېيىشچە، بۇ قارار پارلامېنت كۆپ سانلىق گۇرۇھ ئىتتىپاقلىرىنىڭ جەسۇر ۋە كەسكىن زۇڭلى سايلىشغا سەۋەب بولىدىگەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: قىرغىزىستاندا زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان نامزاتلار كۆپ. مەن مەندىن كىيىن ياخشى بىر زۇڭلى نامزاتى چىقىپ، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئوتۇربايوف ئىستېپا بېرىش ئۇنىڭ شەخسى قارارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بۇلۇپ، سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋەتەن پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققانلىقتىن، بۇرۇنقى زۇڭلى ساتىبارجىيوف رەھبەرلىك قىلغان كابىنېتنىڭ ھاكىميەتتىن چۈشۈشىگە سەۋەب بولغانىدى.ئىقتىساد خىزمىتىگە مەسئۇل بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلى ئوتۇربايوف كابىنېت قاراشقا مەسئۇل ۋاكالىتەن زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى رەسمىي زۇڭلىلىققا سايلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە زۇڭلى بولۇپ كەلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved