ئالتۇن باھاسى ئۆرلەش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆت تۈرلۈك سەۋەبى

تۆت چوڭ سەۋەب سىزگە ھازىر دەل ئالتۇن سېتىۋىلىشنىڭ مۇۋاپىق پۇرسىتى ئىكەنلېكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ :

FX168 خەۋىرى :  

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان ئىشەنچنىڭ تۈرتكىسىدە، نۆۋەتتىكى بازاردا ئومۇمىيۈزلۈك ئالتۇننىڭ باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ دەپ قارىلىۋاتىدۇ، چۈنكى ئالتۇن (1139.10, 22.10, %1.98) ئۆزى زايومغا ئوخشاش ئۆسۈم تەمىنلىمەيدۇ. تېخى پەيشەنبە (9-ئاينىڭ 17-كۈنى)، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 9- ئايلىق يىغىنى ئېچىلىشتىن ئۈچ ھەپتە بۇرۇن، پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 2 مىليارد 600 مىلىيون دوللار قىممىتىدىكى ئېلىم-بىرىم قىلىندىغان ئالتۇن قولدىن چىقىرىلغان.  

ئەمەلىيەتتە، 2013-يىلى تۆتىنچى ئايدا كاسات بازارغا كىرىپ قالغاندىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيادا ئېلىم-بىرىم قىلىندىغان ئالتۇن مۈلكى 54 مىليارد دوللار تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلىم-بىرىم قىلىندىغان ئالتۇن ئومۇمىي زاپىسى تېخى 1508.2 توننىغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ 2009-يىلىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە تەڭداش كېلىدىكەن.  

بازاردا مۇنداق بىر ئېغىز گەپ تولىمۇ ياخشى ئېيتىلغان: ئالدىڭغا چۈشكەن ئۇچقۇر پىچاقنى تۇتىۋالما. گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان ئىشەنچنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، ئالتۇن باھاسىنىڭ قايتىدىن قاڭقىش ئىمكانىيىتى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن، تۆۋەندىكى تۆت خىل ئامىل ئالتۇن باھاسى ۋە ئالتۇن تۈرىدىكى پايچېكلارنىڭ پات ئارىدا ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.  

بىرىنچى سەۋەب: ناتۇرال ئالتۇن زاپىسى بارغانسىرى قىسلاپ كېتىۋاتىدۇ .  

يېقىنكى بىرقانچە ھەپتىدە ئالتۇننىڭ ئېلىم-بىرىم تەننەرخى زور كۆلەمدە ئۆرلەپ كەتكەن، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئېلىم-بىرىم قىلىندىغان ئالتۇننىڭ زاپىسى تىز سۈرئەتتە ئازلاپ كەتكەن. ئادەتتە سودېگەرلەر توختام بويىچە ئالتۇننى ھېسابات قىلىپ شۋېتسارىيىدىكى ئالتۇن تاۋلاش زاۋۇتىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ۋە شۇ يەردە قايتىدىن قۇيۇپ ئاسىياغا يۆتكەپ كېلىدۇ، بۇدەل ئېلىم-بېرىم قىلىندىغان ئالتۇن زاپىسىنىڭ ئازلاپ كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبتۇر.  

ھالبۇكى، ئېلىم-بىرىم قىلىندىغان ئالتۇن زاپىسىنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ناتۇرال ئالتۇنغا ئېرىشىش بارغانسىرى تەسلىشىپ كېتىدۇ ۋە ئالتۇننىڭ ئېلىم-بېرىم تەننەرخى ئۆرلەپ كېتىدۇ، بۇ ئاخىرىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  

ئىككىنچى سەۋەب: ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئىمپورتى شىددەت بىلەن ئاشماقتا.  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ سەككىزىنچى ئايدىكى ئالتۇن ئىمپورتى سەكرەش خاراكتىرلىك ئۆرلەپ 120 توننىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدىكەن، ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئىمپورت مىقدارى بولسا ئاران 50 توننا بولغانكەن، يۇقارقارقىلار تېخى ھىندىستان ئالتۇن ئىمپورت قىلىش بېجىنى %10 لىك تارىخى يۇقىرى سەۋىيىدە ساقلاۋاتقان شارائىتتا يۈزبەرگەن.  

ئۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستان يېقىندا ئەنئەنىۋىي ئالتۇن ئىھتىياجى يۇقىرى بولىدىغان باسقۇچقا قەدەم قويىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئالتۇن باھاسى نەچچە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە بولغاچقا، ھىندىستان خەلقىنىڭ كۈچلۈك بولغان ئالتۇن سېتىۋىلىش قىزغىنلىقى قوزغىلىشىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.  

دۆلەتنىڭ ناتۇرال ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىدىدە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئالتۇننى پۇلغا ئايلاندۇرۇش لايىھىسىنى تەستىقلىغان ۋە ئالتۇن ئامانىتى ۋە ئالتۇن ئىگىدارلچىلىق زايومىنى يولغا قويغان. لېكىن، يېقىنقى مەزگىلدىكى ھىندىستان ئالتۇن ئىمپورت مىقدارىنىڭ زور كولەمدە ئېشىش يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، يۇقارقى پىلاننىڭ ئۈنۈمىنى كۆرسىتىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەنكەن.  

ھىدىستانلىقلار ئالتۇننى ئۆيىدە ساقلاشقا ئامراق بولغاچقا، ھۆكۈمەت ئالتۇننى پۇلغا ئايلاندۇرۇش لايىھىسى، يەنى ئامما قولىدىكى ئالتۇننى بانكىغا قويسا، يىلدا %2-%3 ئەتراپىدا باج كەچۈرۈم قىلىنغان ئۆسۈمگە ئىگە بولدىغان لايىھە ئارقىلىق ھىندىستان دۆلەت ئىچىدىكى ناتۇرال ئالتۇننىڭ تەمىنلىنىشىنى كۈچەيتمەكچى بولغان.  

ئۈچىنچى سەۋەب: جۇڭگونىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى يەنىلا كۈچلۈك.  

گەرچە خەلقئارا ئالتۇن بىرلەشمىسى (WGC) ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئىككىنچى پەسىلدىكى ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە شاڭخەي ئالتۇن بىرژىسىنىڭ (SGE) يازلىق ھېسابات بىرتەرەپ قىلىش مىقدارى يەنىلا خېلى يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلاپ قالغان.   سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، شاڭخەي ئالتۇن بىرژىسى ئالدىنقى سەككىز ئايدا 512 توننا ئالتۇننىڭ ئېلىم-بېرىم ھېساباتىنى بىرتەرەپ قىلغان، لېكىن ئوخشاش مەزگىلدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى ئاران 492 توننا ئەتراپىدا بولغانكەن. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، بۇيىل كىرگەندىن بۇيان شاڭخەي ئالتۇن بىرژىسىدىكى ئالتۇن ئالماشتۇرۇش مىقدارى 2014-يىلىدىكىدىن %36 ئاشقان بولۇپ، 2013-يىلىدىكى تارىخى يۇقىرى سەۋىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ %13.5 ئاشقان.  

تۆتىنچى سەۋەب: ئالتۇنغا مۇناسىۋەتلىك پايچېكلار «شاپاق نەرقىدىكى پايچېك» قا ئايلىنىپ قالغان.   دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئالتۇن كان كارخانىسى كۆرسەتكۈچى ئىندېكىسى بولغان فىلادېلفىيە ئالتۇن-كۆمۈش ئىندېكىسى (XAU) نۆۋەتتە، ئاللىقاچان 2000-يىلى 11-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن نوقتىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتىكى خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئاران ھەر بىر ئۇنسىيەسى 265 دوللار ئېدى.  

ئالتۇننىڭ ھازىرقى باھاسىنى ئەرزان دېگەن بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىسەك بەكلا ئازلىق قىلىدۇ، ھازىرقى ئالتۇن باھاسى بەئەينى« شاپاق نەرقى» نىڭ ئۆزىلا. مەسىلەن بۇ ساھەنىڭ ماگناتى _ باررىك (Barrick Gold) ئالتۇنچىلىق شىركىتىنى مىسالغا ئالساق، ھازىر بۇ شىركەتنىڭ پايچېك باھاسى ئاران بۇشىركەت سېتىلىش مىقدارىنىڭ 0.79 ھەسسىسى ۋە ھېسابات دەپتىرىدىكى قىممىتىنىڭ 0.74 ھەسسىسى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كانچىلىق شىركىتى ETF - Market Vectors Gold Miners نىڭ پايچېك باھاسى ئەڭ تۆۋەن رېكورتقا چۈشۈپ قالغان، گەرچە رەسىمدە ئانچە چىرايلىق كۆرۈنمىسىمۇ، كۆرسەتكۈچلەر توختىماستىن بۇ ETF نىڭ ئەڭ ئاستى تەرىپىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.  

يۇقىرقىلارنى خولاسە قىلغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كان كارخانىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشى، جۇڭگو، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئىھتىياجىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىشى ۋە لوندوندىكى ئالتۇن ئىجارە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسىدا يېڭى بىر باسقۇچلۇق دەرىجىدىن تاشقىرى قاڭقىش بولىشىغا ئۇزۇن قالمىدى.  


 



خەتكۈچلەر:
21-09-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek