چەتئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چەتئەللەردە ساياھەت قىلىۋاتقان پۇقرالىرىنى ئامېرىكىنىڭ قانۇن ئىجرا تارماقلىرى ۋە ئالاھىدە ئورگانلىرىنىڭ خېيىم خەتىرىدىن ساقلىنىشقا ئەسكەرتتى. ئۇ: بۇ تارماقلار ۋە ئورگانلار پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا رۇسىيەلىكلەرنى قولغا ئالماقتا دېدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 22-مايدىكى بىر باياناتىدا ۋاشىنگتون رۇسىيەلىكلەرنى تۇتقۇن قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغىنى دېرىكمان ئىدى. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا بۇ كىشىنى گوللاندىيە ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: دېرىكمان ئاز دېگەندىمۇ باشقا تۆتەيلەن بىلەن بىرگە ئوغرىلىقچە تىڭشىغۇچ ئورنىتىپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە كارخانىسى، بىر تەرەپ قىلىش تارماقلىرى ۋە پارچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ ئىنتېرنېت تورىغا ھۇجۇم قىلدى دەپ شىكايەت قىلىندى. لېكىن دېرىكمان بۇ شىكايەتلەرنى تەن ئالمىدى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: كىشىلەر بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ يېڭى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە قارىتا ياكى يېقىندا يۈز بەرگەن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىگە قارىتا چىقىرىلغانلىقىنى ئاڭقىرالمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved