ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈچ ئايدا 12 مىڭ كارخانا كۆپەيدى

لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كاپىتالنى تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان ئۈچ ئايدىن بۇيان يېڭىدىن تىزىملاتقان كارخانا 12 مىڭدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئالتە ھەسسىگە يېقىن كۆپىيىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولغان.


ئاپتونوم رايون بۇ يىل 1 – مارتتىن باشلاپ كاپىتالنى تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى رەسمىي يولغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1 – مارتتىن 31 – مايغىچە 12 مىڭ 237 كارخانا يېڭىدىن تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.1 كۆپەيگەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن تىزىملاتقان شىركەت 10 مىڭ 246 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %76.5 كۆپەيگەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار كاپىتالنى تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئىجتىمائىي سېلىنما قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانىلارنى تىزىملاش، ئەنگە ئېلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ لىپىڭ ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى: كاپىتالنى تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ئەمەلىي كاپىتالنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى ئېتىراپ قىلىنغان كاپىتالنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىپ، رويىخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ ئاز – كۆپلۈكىنى شىركەت پايچىلىرى بەلگىلىسىمۇ، ئەمما ئىسلاھاتتىن كېيىن يېڭىدىن تىزىملاتقان كارخانىلارنى ئانالىز قىلغاندا، مەبلەغ سالغۇچىلار كاپىتالىنى رويخەتكە ئالدۇرغاندا يەنىلا ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش كۆرگەن.

بۇ ئۈچ ئايدا توققۇز كارخانا 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەك كاپىتالنى رويىخەتكە ئالدۇرغان، ئۇلار ئاساسەن ياسىمىچىلىق ۋە توپ سېتىشتىن ئىبارەت كۆپرەك مەبلەغ كېتىدىغان ساھەلەرگە مەبلەغ سالغان؛ رويىخەتكە ئالدۇرغان ئەڭ ئاز كاپىتال 100 يۈەن بولۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنى تاللىغان.


تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، كاپىتالنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشتىكى ئەڭ تۆۋەن چەكنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كاپىتالنى رويىخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆپلىگەن كارخانىلار نەپكە ئېرىشتى. ئىسلاھات يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، شىركەتلەر رويىخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى بار ئىدى، مەسىلەن: چەكلىك شىركەت بولسا 30 مىڭ يۈەن، بىر كىشىدىن تەشكىللەنگەن چەكلىك شىركەت بولسا 100 مىڭ يۈەن دېگەندەك، ھازىر بۇلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئىگىلىشىمچە، بۇ ئۈچ ئايدا يېڭىدىن تىزىملاتقان شىركەتلەر ئىچىدە، رويىخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى 30 مىڭ يۈەندىن ئاز بولغان كارخانىدىن 175ى، 100 مىڭ يۈەندىن ئاز بولغان بىر كىشىلىك چەكلىك شىركەتتىن 823ى بار ئىكەن.


‹‹كېيىنكى قەدەمدە بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىللىق مەلۇماتنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى، تىجارىتى بىنورماللارنىڭ تىزىملىكى قاتارلىق ئىناۋەتكە چەك قويۇش مېخانىزملىرىنى يولغا قويىمىز. ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى كېيىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا ئۆزگەرتىپ، <ئاۋۋال سېلىشتۇرۇپ، ئاندىن دەلىللەش> ئەندىزىسىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تىزىملىتىشىغا قولايلىق يارىتىپ، رايونىمىزدىكى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز››، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن فېردوس.



خەتكۈچلەر:
21-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek