بوسىنىيە گېرتسېگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايېۋو شەھىرىدە 28-ئىيۇن بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، سارايېۋو قاتىللىق ۋەقەسى ۋە 1- دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى.
بوسىنىيە گېرتسېگوۋېنا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى ئىزتىبىگىۋىچ، ئاۋىستىرىيە زوڭتۇڭى فىلىشىر، كرودىيە زوڭتۇڭى يوشبوۋىچ، ماكېدونىيە زوڭتۇڭى ئىۋانوف، قارا تاغ زوڭتۇڭى ئۇيانىۋىچ قاتارلىقلار قاتناشتى.
ئىزتىبىگىۋىچ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 1- دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەشتىكى مەقسەت تىنچلىق، سىغدۇرۇشچانلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش؛ رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. فىلشىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتمۈشتىكى ئاچچىق ساۋاق شۇنى ئىپادىلەيدۇكى : ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەبەدىي تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشى، بۇ رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر بۇنىڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved