مىقدارىنى كونترول قىلىپ، زىيادە يېيىشتىن ساقلىنىش. ئۇششاق–چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. كۆپ يېگەندە، ‹‹تويۇنۇپ›› قېلىپ، كەينىدىن باشقا يېمەكلىك يېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئۆسۈپ يېتىلىشكە بىۋاستە ياردىمى بار ئاساسىي ئوزۇقلۇقنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئۈچەي يولىنىڭ بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش تەسكە توختايدۇ. بۇ ئادەت ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي پاكار بولۇپ قالىدۇ.
ئۇششاق–چۈششەك يېمەكلىكنى تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىش. ئادەمدىكى تۆۋەن قان قەنتى، ئىنسۇلىندىكى ئاجراتمىلارنى غىدىقلاپ، قورساقنى ئاچۇرىدۇ. ھالبۇكى ئۇششاق–چۈششەك يېمەكلىكتە زور مىقداردا قەنت ماددىسى بولۇپ، تاماقتىن بۇرۇن يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ئۇششاق–چۈششەك يېمەكلىك يېگەندە، تۆۋەن قان قەنتىنى تۈگەتكەن بىلەن قورساقمۇ تويۇپ، تاماققا ئىشتىھا قالمايدۇ. شۇنداقلا تاماقتىن بۇرۇن ئۇششاق–چۈششەك يېمەكلىك يېگەندە، بىر قىسىم ھەزىم سۇيۇقلۇقى تۈگەپ، بالىلاردا ئاساسىي ئوزۇقلۇقنىڭ ئاسان ھەزىم بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved