جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورى 26- دېكابر خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسىجۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 12- ئاينىڭ 26- كۈنى سەھەر سائەت 3 تىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە، ئافغانىستان ( شىمالىي كەڭلىك 36.5 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 71.2 گرادۇس )دا 6.2 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى 210 كىلومېتىر.
پاكىستان تاراتقۇلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى سەھەردە ئافغانسىتاننىڭ شىمالىي قىسىمىدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش پاكىستانغىمۇ كۈچۈلك تەسىر قىلغان بولۇپ، پاكىستاندا ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندە 37 ئادەم قازا قىلغان، بىر قىسىم ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
پاكىستان مىتورولوگىيە تارمىقىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر يەر تەۋرەش ئۇدا 59 سىكونت داۋاملاشقان، كەلگۈسى بىر قانچە سائەت ئىچىدە بىر قىسىم رايونلار قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى مۇمكىنكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved