مىسىرنىڭ قايتىدىن قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى نىمە؟

ئىلگىرى بىرەيلەن مىسىر زوڭتۇڭى مورسىدىن: ‹‹ ئەگەر مىليونلىغان كىشىلەر نامايىش قىلىپ ، سىزدىن تەخىتتىن چۇشۇشنى تەلەپ قىلسا، قانداق قىلىسىز؟›› دەپ سورىغاندا، مورسى ئىككىلەنمەستىن :‹‹ مۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس›› دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. لېكىن، ئەمەلىيەت مورسىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.


2011 - يىلى، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك تەختتىن چۈشۈپ، 2012 - يىلى مورسى تەختكە چىقتى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۇنىڭ ھوقۇق تۇتقىنىغا بىر يىل بولغان كۈندە، نەچچە مىلىيۇن ئادەم كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلدى، ئۈچ كۈندىن كېيىن، ھەربىي تەرەپ مورسىنىڭ تەختتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى. نېمە ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە، شۇنداقلا خەلق تەرىپىدىن سايلاپ چىقىلغان بۇ زۇڭتۇڭ تەختكە چىقىپ بىريىل ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىردا يەنە بىر قېتىم نەتىجىسى تېخىچە نامەلۇم بولغان قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدۇ؟


ئىقتىسادنىڭ كاسادلىشىشى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب. مورسى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، .ئىقتسادنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى توسۇپ قالالمىدى. پۇل پاخاللىشىش ئاشقاندىن كېيىن، باشقا ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ھەممىسى تۆۋەنلەپ، تۆتتىن بىردىن كۆپرەك ئادەم نامراتلىق چېكىدىن تۆۋەن ئەھۋالدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولدى، مىسىر 80 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي كىرزىسقا دۇچ كەلدى.


سىياسىي زىددىيەت مىسلىسىز كۈچەيدى. مورسىنىڭ تەختتىن چۈشىشىگە ئۇنىڭ ھەربىي كۈچلەرنى رەنجىتىپ قويغانلىقى سەۋەب بولدى. مىسىردا ھەربىيلەر دۆلەتنىڭ سياسىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رولغا ئىگە. مورسىدىن بۇرۇنقى مىسىر زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ھەممىسى ھەربىي بولۇپ، مىسىردا ھەربىي كەسپلەر دۆلەت GDP سىنىڭ %8 نى ئىگىلەيدۇ.

مورسى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ھەربىي كۈچلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چەتكە قېقىپ، ئۇلارنىڭ نارازلىقىن قوزغاپ قويدى. سىياسىي جەھەتتىكى ئىچكى سەرپىيات، مورسىنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىق، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتلەردىكى بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.


بۇنىڭدىن سىرت، مورسىنىڭ دىنىي مەيدانى تۈپەيلى، مىسىر ئاياللىرى مىڭ تەسلىكتە قولغا كەلتۈرگەن ھوقۇقىدىن يەنە مەھرۈم بولدى. مەسىلەن، قىزلار توي قىلىش يېشىنى 18 ياشتىن توققۇز ياشقا تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلار.

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ نەزىرىدە، ھەربىيلەرنىڭ ئىستىبداتلىقىغا قارشى چىققان مورسىى يەنە ئىستىبداتقا ئايلىنىپ قالدى.


مورسى تەختكە چىققاندىن كېيىن، چىقارغان ئەڭ ياخشى قارار توغرىسىدا سورالغاندا، %73 ئادەم ئۇنى ھېچقانداق ياخشى قارار چىقىرىپ باقمىغان دەپ قارىغان. بۇ توغرىسىدا، مورسىنىڭ قوللىغۇچىسى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يۇقىرى دىرىجىلىك بىر ئەمەلدارى:‹‹ مورسى خەلققە تايىنىپ قەد كۆتۈرگەن، ئۇنىڭ خەلق بىلەن قارىمۇقارشى مەيداندا تۇرۇپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم ›› دەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
21-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek