رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 30-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كېرمىل سارىيى ئېلان قىلغان خەۋەردە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن پەلەستىن رەھبىرى ئابباسنىڭ خەلقئارا پەلەستىن كۈنىنى تەبرىكلىدى دېيىلدى.
كېرمىل سارىيىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن خەلقئارا پەلەستىن كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، سىزدىن سەمىمىي ھال سورايمەن دېگەن.
پۇتىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنىڭ تېزراق ئەمەلگە ئېشىشى، بىر مۇستەقىل، زېمىنى مۇكەممەل، گۈللەنگەن دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى.
1977-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، ھەر يىلى 29-نويابىر «پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم بېرىش خەلقئارا كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved