رەسىمدە 12-ئاينىىڭ 2-كۈنى سائەت 10:25، يەسلىدىن بالىلارنى ئالغىلى كەلگەن يەتتە كىشىلىك بولكىۋاي، بىر مۇئەللىم 13 بالىنى ماشىنىدىن چۈشۈرمەكتە، بۇ «قارا ئوقۇلبۇس» قا 13 بالا، بىر ئوقۇتقۇچى ۋە بىر شوپۇر جەمئىي 15 ئادەم چىقىۋالغانىدى. ئادەتتىكى بىر كۈلرەڭ بولكىۋاي ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئالدىراشلىق ئىچىدە ھەر قايسى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بالىلارنى ئالغىلى بارىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ماشىنا ئىچىدە ئىنتايىن قىستاڭچىلىق يۈز بېرىدىكەن. ئەسلىدە يەتتە ئادەم سىغىدىغان بۇ بولكىۋاي ھەر كۈنى 15 ئادەمنى توشىغان.
«بۇ بولكىۋاي ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا بالامنى ئالغىلى كېلىدۇ، ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئون نەچچە بالىنىڭ قىستىلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرىمەن، قىش كۈنلىرى يول تېيىلغاق، قارىماققا ناھايىتى خەتەرلىك كۆرۈنىدۇ.» بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر شەھەر ئاھالىسى بۇ ئەھۋالنى مۇخبىرغا ئىنكاس قىلغان.
2-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 09:30 دا، بالىلارنىڭ مەكتەپكە بارىدىغان ۋاقتىمۇ يېقىنلاشتى، مۇخبىرلار بولكىۋاي بالىلارنى ئېلىۋالىدىغان ئورۇننىڭ ئالدى تەرىپىدە ساقلاپ تۇراتتى. سائەت 09:55 ئۆتكەندە، مەكتەپ بىر تۇتاش تارقىتىپ بەرگەن سومكىنى ئېسىۋالغان ئىككى بالا يول بويىغا كېلىپ ماشىنا ساقلىدى.
سائەت 10:07 ئۆتكەندە، بىر كۈلرەڭ بولكىۋاي بۇ جايدا پەيدا بولغان، ماشىنىغا قېلىپلاشقان مەكتەپ ماشىنىلىرىنىڭكىدەك بەلگە ۋە تاختاي ئېسىلمىغان بولۇپ، ماشىنىدا بىر قانچە كىچىك دوست ئولتۇراتتى. ئارقىدىنلا، بولكىۋاينىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن ماشىنىدىن ئۇچىسىغا ھالرەڭ كىيىم كىيىۋالغان بىر ئايال چۈشۈپ، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئالدىراشلا سالاملاشقاندىن كېيىن يول ياقىسىدىكى ئىككى بالىنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا چىقاردى، ئارقىدىنلا يەنە بىر بالىنى ئالغىلى كەتكەن.
بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئائىلە باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ ئولتۇراق رايونىدا يەسلى بار بولسىمۇ، لېكىن ھەققى نىسبەتەن يۇقىرى ئىكەن، شۇڭا ئۇلار ھازىر بېرىۋاتقان يەسلىنىڭ خىراجىتى تۆۋەن، مۇھىتىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا مۇشۇنداق «ئاپىرىپ-ئەكىلىش مۇلازىمىتى» بار ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن شۇ يەسلىنى تاللىغان. ئادەتتە ئىشقا چىقىش چۈشۈش ۋاقتى توغرا كەلمەيدىغان، بالىلارنى ئاپىرىپ-ئەكىلىشكە ئانچە كۆپ ۋاقىت چىقىرالمايدىغانلارغا نىسبەتەن، بۇ مۇلازىمەت نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، گەرچە ئازراق ماشىنا ھەققى تۆلىسىمۇ، لېكىن كۆپ ۋاقىت تېجەلدى دەپ قارىغان.
مۇخبىرلار بۇ بولكىۋايغا ئەگىشىش ئارقىلىق، بۇ بولكىۋايدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا بېرىشتىن بۇرۇن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلىرى بىلەن بەلگىلەنگەن ئورۇندا ساقلاپ تۇرغانلىقىنى بايقىغان، بۇ جەريانىدا بۇ بولكىۋاي يەنە ئۈچ كىچىك دوستنى ئېلىۋالغان.
رەسىمدە 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 10:12، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايون، بالىنى ئالغىلى كەلگەن بولكىۋاي.
مۇخبىرلار بۇ يەسلىنىڭ مەسئۇلىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، ئۇلارنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن ئازراق قىيىنچىلىقى بولغاچقا جىددىي ماشىنا سېتىۋېلىشقا چىقىنالمايدىكەن، شۇڭا بۇ يەتتە كىشىلىك بولكىۋايغا ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنى سېلىشقا مەجبۇر بولغانىكەن. ئەمما ماشىنىنى ھەيدەۋاتقان شوپۇرنىڭ كۆپ يىللىق ماشىنا ھەيدەش تەجرىبىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار يەسلىگە تىزىملىتىشتىن بۇرۇن ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن بولكىۋاي ئىشى توغرىسىدا سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن بالىلارنى ماشىنىغا چىقارغان.
رەسىمدە 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 10:12، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايون، ئائىلە باشلىقىنىڭ قولىدىن يېڭىلا بۇ بالىنى تاپشۇرۇۋالغان ئوقۇتقۇچى قىستاڭچىلىقتا بالىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلەلمەيلا قالدى.
«بىز ئىشقا بېرىش ۋە ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى ئانچە كەڭتاشا ئەمەس ئائىلە باشلىقلىرىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمىز، ئەمەلىيەتتە بىزمۇ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئۆزى ئاپىرىپ-ئەكىلىپ قويسا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھازىر بىز ئۈچ قېتىم بالىلارنى ئالغىلى كېلىمىز، ماشىنىغا ئولتۇرۇشنى خالايدىغان بالىلار بىر كۈندە بىر يۈەن تاپشۇرىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ تەننەرخمۇ يېتەرلىك ئەمەس، ئەمەلىيىەتتە بىزمۇ بۇنداق قىلىشنى خالىمايمىز» دېدى ياڭ خانىم، ھازىر بۇ بولكىۋاي ئۆتكۈنچى ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يەسلىمۇ ئوقۇلبۇس رەسمىيىتى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى ئوقۇش مەۋسۇمدا ئوقۇلبۇس سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان.
«بۇنداق قانۇنغا خىلاپ ھالدا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم چىقارسا، شوپۇرلۇق كېنىشكىسى بىكار قىلىنىپ، 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بۇلاقتاغ رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى، ئۇ ھەر قايسى ئائىلە باشلىقلىرىنى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسلىسىدە تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماسلىققا ئەسكەرتكەن. ناۋادا بىرەر ئىش يۈز بەرسە، بۇ ھەر قانداق ئائىلە باشلىقىغا نىسبەتەن قايغۇلۇق بالايىئاپەت بولىدۇ، ئەلۋەتتە!
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved