يەر شارى خەۋەر تورى 20-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسىنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى John Brennan بىلەن ئۇچراشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. پرېزىدېنت مەھكىمىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىلەن بىرگە رايۇن خاراكتىرلىك ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ۋە تېرورغا قارشى كۈرەش قىلىش تىمىسى تىلغا ئېلىندى. ئۇچرىشىشقا مىسىر ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى خالىد فەۋزى، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى John Brennan نىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى Theodore Singer ۋە ئامېرىكىنىڭ قاھىرە باش ئەلچىسى روبىرت سىتفېن قاتارلىقلارنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، سىسى بىلەن Brennan نىڭ ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىستىراتىگيەلىك مۇناسىۋەتلەر، تېرورغا قارشى كۈرەش ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە خىزمەت قىلىدىغان بارلىق ساھەلەردە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققى قىلدۇرۇلىشىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ۋە مەلۇمات ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا يەنە، پرېزىدېنت سىسىنىڭ 29-30 ئاپرېلدا سىپرۇس ۋە ئىسپانىيەگە رەسمى زىيارەتكە بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ! ئىزدەش نامى: LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved