دۆلەت يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىستانسىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، 30-مارت سائەت 9:47 دە گۈيجۇ ئۆلكىسى مياۋزۇ-دوڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جيەنخې ناھىيەسى ئەتراپىدا 5.5 بال يەر تەۋرىگەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، جيەنخې ناھىيىەسىدە تەۋرەش سېزىمى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، كونكرېت ئەھۋالى ئىستاتىستىكا قىلىنىۋېتىپتۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 7000 مېتىر بولۇپ، يەر تەۋرىگەن ئورۇن جيەنخې ناھىيەسىگە تەخمىنەن 39 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
دۆلەت يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ بىر ھەپتىدە جيەنخې ناھىيەسىدە تەۋرىگەن 2-قېتىملىق يەر تەۋرەش بولۇپ، 23-مارت سائەت 7:27 دە جيەنخې ناھىيەسى ئەتراپىدا 3.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىر بولغان. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، گۇيجۇدىكى ھەر قايسى ئايرودۇرۇملار نورمال تىجارەت قىلىۋېتىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved