خۇنەن ئۆلكىسى لوۋدى شەھرى شىنخۇا ناھىيەسىدىكى لىيۇ فامىلىلىك بىر ئايال، ئۇدا ئىككى قىز تۇغقانلىقى سەۋەبلىك، دائىم قېيىنئانىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدىكەن. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، قېيىنئانىسى ئۇنى تېزدىن 3-بالىنى تۇغۇشقا مەجبۇرلاپ، قېيىنئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈزبەرگەن. قېيىنئانىسىدىن كاچات يىگەن ليۇ XX، ئاچچىقىدا تۆمۈريول رېلىسىدا يېتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان، بەختكە يارىشا تۆمۈريول ياردەمچى ساقچىسى بىلەن خەلق ساقچىسى ۋاقتىدا بايقاپ قۇتقۇزۇۋالغان. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 15:00 دە، چاڭشا تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى شىنخۇا بېكىتى ساقچىخانىسى خۇاڭياڭشەن رايونىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى ليۇ ۋىنشىن تۆمۈريول لىنىيەسىنى چارلاپ، شىنخۇاشەن تەۋەسىدىكى خۇكۈن لىنىيەسى شىخې بىلەن خۇاڭياڭشەن رايونى M 480+1349K بۆلىكى كېسىشكەن ئورۇنغا كەلگەندە، بىر ياش ئايالنىڭ تۆمۈر يول ياقىسىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ بىر تەرەپتىن ئايالنى تېزدىن چۈشۈشكە چاقىرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئايال تەرەپكە قاراپ ماڭغان، بۇ ۋاقىتتا، 88465 قېتىملىق يۈك پويىزى شىخې تەرەپتىن كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ يۈك پويىزى يېقىنلاپ كەلگەندە پويىز يولىغا سەكرەپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىيىتىنىڭ بارلىقى ئېنىق ئىدى، ليۇ شىنۋىن خەتەرگە قارىماي، ئايالنى رېلىستىن تارتىپ قۇتۇلدۇرۇۋالغان ھەمدە ئايالنى قۇتقۇزۇپ يول ياقسىغا تارتىپ تۇرىشىغا يۈك پويىزى ئۇلارغا سۈركۈلۈپ ئۆتۈپ كەتكەن.
ئۇ ئايال قايغۇرغان ھەم ھاياجانلانغان ھالدا:«مېنى نېمىشقا تارتىۋالىسىز، مېنىڭ ئۆلگىنم ياخشى!!!» دەپ توۋلىغان. ساقچىنىڭ قايتا-قايتا نەسىھەت قىلىشى ۋە تەسەللىي بېرىشى بىلەن، ليۇ XX ئاستا-ئاستا تىنچلانغان. ئارقىدىن ساقچى ليۇ XX نى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان، ھەمدە شۇ جايدىكى كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ليۇ XX نىڭ قېيىنئانىسىغا تەنقىد-تەربىيە ئىشلىگەن. ليۇ XX نىڭ قېيىنئانىسىمۇ ئۆزىنىڭ تەرسالىقى سەۋەبلىك، كېلىنىنىڭ بېشىغا چىققىلى تاس قالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن كېلىنىنى خىجالەتچىلىكتە قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved