يۈ جېڭشېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- مارت تېلېگراممىسى. يولداش سەيپىدىن ئەزىزى تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 18- مارت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يولداش سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
يولداش سەيپىدىن ئەزىزى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 10-، 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 1 -، 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 -، 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنگو سۆھبەت يىغىنىدا يولداش سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئۇنىڭ دۆلەت، مىللەت، خەلق ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتەك ئالىيجاناب خىسلىتىدىن ئۆگىنىپ، باشتىن - ئاخىر قەتئىي ئېغىشمايدىغان ئىنقىلابىي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەكىتلىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يۈ جېڭشېڭ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved