سۈي يۈنيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقا جايدا ھاۋالىسىز تەكشۈرتۈش كەسپىنى يولغا قويىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە تىزىمغا ئېلىنغان چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋە مەكتەپ ئاپتوبۇسىدىن باشقا بارلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقا جايدا تەكشۈرتۈشكە بولىدۇ، ھاۋالە قىلىش ھاجەتسىز، ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاپتوموبىل تۇرۇشلۇق جايدا ئاپتوموبىلنى تەكشۈرتسە ھەم تەكشۈرتكەنلىك بەلگىسىنى ئالسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلمىگەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش كەسپىنى توختىتىدۇ.
بۇ سىياسەت، بۇلتۇر 9–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان، سېتىۋالغىلى ئالتە يىل بولمىغان ترانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانمايدىغان شۇنداقلا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىل(مىنىبۇس، يەتتە كىشىلىك ھەم يەتتە كىشىلىكتىن يۇقىرى ئاپتوموبىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)لار تەكشۈرۈشتىن كەچۈرۈم قىلىنىش سىياسىتىدىن كېيىنكى، جامائەت خەۋپسىزلىك قاتناش تارماقلىرىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئەلرايى خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved