گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئۆكتەبىردىن باشلاپ گېرمانىيە، رۇسىيە، ئىتالىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە 10-نۆۋەتلىك ئاسىيا ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھېسابلىشىچە بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، جۇڭگو بىلەن يۇقارقى ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، كۆپ تەرەپلىك سەھنىدە ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلىگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايەن قىلىدىكەن.
بىرىنچى يارقىن نۇقتا: جۇڭگو بىلە گېرمانىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟
جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسى ياۋروپا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۇي خۇڭجيەن: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولماقتا، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، دېدى.
گېرمانىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى شېرىكى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 7-ئايدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە، جۇڭگو بىلەن يېڭىلىق يارىتىشچان شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ھەمدە بۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كېلەر يىلى جۇڭگو-گېرمانىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى يىلى، جۇڭگو ھەمكارلىق شېرىكلىك سالاھىيىتى بىلەن خانوۋېر ئېلېكتىرون، ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ.
دىپلوماتىيە ئىنىستىتۇتى دىپلوماتىيە ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ دوسسېنتى شيوڭ ۋىي: سانائەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، ئالەم بوشلۇقى، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ساھەلەر جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىقىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتا بولۇشى مۇمكىن، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى پارلاق، دېدى.
بۇ لى كېچياڭنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىگە چىققاندىن كېيىن گېرمانىيەدە ئىككىنچى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە، لى كېچياڭ مېركىل بىلەن جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 3-نۆۋەتلىك كېڭىشىگە بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مېۋ جاۋرۇڭ: ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كېڭىشىش مېخانىزىمىنىڭ باشلامچىلىق ۋە يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوبىلەن گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق ھەرىكەت پىروگراممىسىنى تېزراق تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ ئېنىق يۆلىنىش بېكىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.
ئىككىنچى يارقىن نۇقتا:جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ چوڭ تۈرلىرىدىكى ھەمكارلىقتا قانداق يېڭى ھەرىكەتلەر بار؟
لى كېچياڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە جۇڭگو رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 19-قېتىملىق قەرەللىك كۆرۈشىشىگە قاتنىشىدۇ. سۈي خوڭجيەن مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ زۇڭلىلار قەرەللىك ئۇچۇرىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشىدا ھەم سىياسىي ئىشەنچ ئاساسى بولۇشى ھەم ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ساھەسى بولۇشى كېرەك.
ئۆزئارا ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا بايلىق ئۈستۈنلىكى بار، ئىقتىسادىي جەھەتتە تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق ساھەسى كەڭ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تۈرلەردە ھەمكارلىشىش ــ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك.
ئېنېرگىيەدىن سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاشقىچە، چوڭ ئايروپىلاندىن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشىغىچە، چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە تېزلىتىدىغان كۈچلۈك ۋاستىگە ئايلاندى، بولۇپمۇ ئېنېرگيە ھەمكارلىقى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقىدا ئەڭ ئالدى بىلەن قانات يايدۇرۇلغان ساھە، ئىككى دۆلەت بۇ يىل 5-ئايدا ئىمزا قويغان شەرق لىنيەسىدە تەمىنلىنىدىغان گازنى سېتىپ بېرىش توختامى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شرىكلىك مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم نەتىجە.
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكولتىتىنىڭ پروفېسسورى ۋۇ داخۇي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم جۇڭگو بىلەن رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك كۆرۈشىشىدە بۇمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىسى بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن.
ئۈچىنچى يارقىن نۇقتا: جۇڭگو ياۋروپا ھەمكارلىقىنى قانداق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟
لى كېچياڭ ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىل جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا توغرا كەلدى، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە زۇڭلىلىرى يىل ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەتتە بولىدۇ.
جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يىۋېي مۇنداق دەپ قارىدى: ئىتالىيەنىڭ ياسىمىچىلىق تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەن، جۇڭگو بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى كۈچلۈك، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسى كۆپ، ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ، ئىتالىيە جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىنتايىن مۇھتاج، جۇڭگونىڭ ئۇل ئەسلىھەسىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشتە مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكىگە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما ئىتالىيەمۇ ۋىزا ئېلىش، بازار ئىجازىتى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ قولاي تەدبىرلەرگە مۇھتاج.
بۇ قېتىمقى زىيارەت زۇڭلى لى كېچياڭ گىرىتسىيەدە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن بۇ يىل ئىككىنچى قېتىم جەنۇبىي ياۋروپا رايونىغا قىلغان زىيارەت، ۋاڭ يىۋېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو جەنۇبىي ياۋروپا رايونىغا مەبلەغ سېلىش، سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىق يېڭى يوشۇرۇن كۈچىنى قازىدۇ ھەمدە جەنۇبىي ياۋروپا ئارقىلىق ياۋروپانىڭ مەركىزىگە كىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ جەنۇبىي ياۋروپانىڭ دېڭىز يىپەك يولىدا ئوينىغان ئۆزگىچە رولى.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىتالىيە بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولدى، شيوڭ ۋېي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدا جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنى مۇھىم بولۇپلا قالماي، مەزمۇنى مول، بۇ يىل جۇڭگو ياۋروپا ھەمكارلىقى 2020-يىللىق ئىستراتېگيەلىك پىلان يولغا قويىلىدىغان تۇنجى يىل، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىككى تەرەپ قانداق قىلىپ بۇ پىلاننى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن.
تۆتىنچى يارقىن نۇقتا: ئاسىيا-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى جۇڭگوچە تەپەككۇرىغا ئىگە قىلىش
زىيارەت مەزگىلىدە لى كېچياڭ مىلاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 10-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ زۇڭلى بولغاندىن بۇيان بۇ يىغىنغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى. 1996-يىلى تەسىس قىلىنغان ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلىرى كېڭىشى ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئارىسىدىكى بىردىن بىر ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق رايون ھالقىغان سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى.
بۇ يىل ئىيۇلدا ئىتالىيە زۇڭلىسى لېنزى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، لى كېچياڭ يىغىننىڭ ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد-سودا، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ ۋە تەكشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ بازىرىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئاسىيا-ياۋروپا خەلقىنى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ پايدىسىدىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
سۈي خۇڭجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو رەھبەرلىرى ئاسىيا ۋە ياۋروپا باشلىقلىرى يىغىنىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، زۇڭلى لى كېچياڭ يىغىن مەزگىلىدە مۇھىم سۆز قىلىشى مۇمكىن. جۇڭگو ئوتتۇرغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» تەسەۋۋۇرىنى ئاسىيا-ياۋروپا كېڭىشىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى بىلەن باغلاش بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر يارقىن نۇقتىسى بولىدۇ.
بەشىنچى يارقىن نۇقتا: دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە جۇڭگونىڭ ھەسسىسىنى قوشۇش
دۇنيا ئاشلىق كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، لى كېچياڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا زىيارەتتە بولىدۇ.
شيوڭ ۋېي مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ جۇڭگونىڭ غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگو ئاشلىق بىخەتەرلىكى، نامراتلىقنى ئازايتىش تەرەپلەردە غايەت زور نەتىجىگە ئېرىشىپ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىغا قىممەتلىك تەجرىبە توپلاپ بەردى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، جۇڭگودا 1990-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇس 272 مىليون 100 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 22.9 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن، 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇس 158 مىليونغا چۈشۈپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 11.4 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. جۇڭگو توققۇز پىرسەنت تېرىلغۇ يەر ۋە ئالتە پىرسەنت پاكىز سۇغا تايىنىپ دۇنيانىڭ 20 پىرسەنت نوپۇسىنى بېقىپ كەلمەكتە.
شيوڭ ۋېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆرۈنەرلىك رول ئوينىدى، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى باشقا دۆلەتلەرگە ئىلھام بولۇپ، دۇنيانىڭ ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرۇشىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشقۇسى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved