2015-يىللىق ئۈرۈمچى (ئەتىياز پەسىللىك) ئۆي-زېمىن كەسپى سودىسى كۆرگەزمىسى باشلاندى

2015-يىللىق ئۈرۈمچى (ئەتىياز پەسىللىك) ئۆي-زېمىن سودا كۆرگەزمىسى 14-ماي شىنجاڭ قىزىلتۆپە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە 79 ئۆي-زېمىن كەسپى تەرەققىيات كارخانىسى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالغاندىكى ئېتىبار بېرىش لايىھەلىرىنى بەس-بەستە تونۇشتۇرۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۆي سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى ‹‹سۈپەتلىك ئۆي، ئارزۇيىڭىزدىكى باغچا ›› بولۇپ، ئۆي-زېمىن سودا بازىرىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلدى ھەمدە سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىش ، ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشنى تەكىتلەپ، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، كۆرگەزمىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە مەزگىلىدە، يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋالغاندا، يەر خېتى بېجى مالىيە تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ؛ ئۆينىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى بېجىرىش جەريانىدا تۇرالغۇ ھەققى، ئولتۇرمىغان ئۆيلەرنى تىزىملاش ھەققى ئېلىنمايدۇ (تۇرالغۇ ئۆي، ئولتۇرمىغان ئۆيلەرنى رەنىگە قويۇش تىزىملاش ھەققى، تۇرالغۇ ئۆي، ئولتۇرمىغان ئۆينى ئالدىن تىزىملاش ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
كۆرگەزمە نەق مەيدانىغا سىياسەت مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى، شەھەرلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى، شەھەرلىك ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسى، شەھەرلىك سودا–سانائەت ئىدارىسى، شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى، شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسى قاتارلىق فۇنكىسسىيەلىك تارماقلار نەق مەيداندا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت سوراش مۇلازىمەت سۇپىسى تەسىس قىلىپ، شەھەرلىك ئۆي-زېمىن كەسپى ئۇيۇشمىسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىرى قانۇندىن مەسلىھەت سوراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۆي-زېمىن كەسپى كۆرگەزمىسى 17-ماي ئاياغلىشىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
17-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek