خېشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .لەنجۇ شىنجاڭ تۆمۈر يولى تېز سۈرئەتلىك پويىزنىڭ سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئىتى 250 كىلومېتىر قىلىپ لايىھىلەنگەن بۇلۇپ ،ئالدى بىلەن قاتناش باشلىنىدىغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۆلىكىدە سۇلۇق يەر ۋە شامال رايونى بار .بۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ قاتناش مۇھىتىغا ئۆزگىچە ھۆسىن قوشۇپلا قالماستىن ئۇنىڭغا يەنە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ .لەنجۇ شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى 198كۆۋرۈك ئىچىدە داۋانچىڭ سۇلۇق ئالاھىدە يەر كۆۋرۈكى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ .
يەنە بىر قانچە كۈندىن كېيىن شى يۇڭپىڭ ئۆزى بەش يىل ياسىغان داۋانچىڭ سۇلۇق يەر پەۋقۇلئاددە چوڭ يەر كۆۋرۈكىنى تاماملاپ يېڭى قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇۋالىدۇ .يېقىندىن بۇيان ئۇ بوش ۋاقتى بولسىلا كۆۋرۈك ئاستىنى ئايلىنىپ ، قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى .لەنجۇ شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى شىنجاڭ بۆلىكىدە سۇلۇق يەر ۋە ئاستىدىكى قاتناش يولى ھەمدە نېفىت گاز ئەسلىھەلىرىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇزۇنلىقى 5574.9 مېتىر كېلىدىغان ،داۋانچىڭ پەۋقۇلئاددە يەر چۇڭ كۆۋرۈكى ياسالدى ، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى قۇرۇلۇش تەننەرخىنى يۈز مىليون يۈەندىن ئارتۇق كۆپەيتتى .ئەگەر بەزى يەرلەر بۇزىۋېتىلسە يەنە قايتا ياسىغىلى بولمايدۇ ،بۇ قۇرۇلۇشتا كۆۋرۈك يول ئۇلى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ ،شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر مىليون 200مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى ئوتلاقنى قوغداپ قالدى .
پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈك سۇلۇق يەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا ئەسلىدىكى 60 مىڭ موغا يېقىن سۇلۇق يەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى ،شى يۇڭپىڭ ھەر بىر پارچە سۇلۇق يەردە يەر ئاستى سۈيىدىن تۇلۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆۋرۈك ئۇلىدىن سۇلۇق يەرگىچە سۈڭگۈچ ياسىدى ،ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 18 مېتىر كېلىدىغان 28 سۈڭگۈچ ياسالدى ،ئېغىز دىئامېتىرى 1مېتىر 28 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ ،بۇنداق بولغاندا سۇ بايلىقىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .بۇ يەردە قۇرۇلۇش قىلىش داۋامىدا شى يۇڭپىڭ نۇرغۇن يېڭى تەسىراتلارغا ئىگە بولدى ،ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 713 كىلومېتىر كېلىدىغان لەنجۇ شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى شىنجاڭ بۆلىكى يەنبىن شامال رايونى ،يۈز چاقىرىملىق شامال رايونى ،30 چاقىرىملىق شامال رايونى ،داۋانچىڭ شامال رايونى قاتارلىق تۆت چوڭ داڭلىق شامال رايونىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ ، بۇ جايلار ئېلىمىز ھەتتا دۇنيا بويىچە تۆمۈر يول بوران ئاپىتى ئەڭ ئېغىر يۈز بېرىدىغان رايون بۇلۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم رايونلاردا بىر يىلدا 208 كۈن 8 بالدىن كۈچلۈك بوران چىقىدۇ .ئەڭ كۈچلۈك بوراننىڭ سېكۇنتلىق تېزلىكى 60 مېتىرغا يېتىدىغان بۇلۇپ 17 بال بورانغا تەڭ ،بۇنداق كۈچلۈك بوراندا ھەتتا [پويىزمۇ ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ .ئۇنداقتا تېز سۈرئەتلىك پويىزنىڭ كۆۋرۈكتىن تېز ھەم بىخەتەر ئۆتۈشى يېڭىشقا تىگىشلىك قىيىن مەسىلە ئىدى .
شامالدىن مۇداپىئەلىنىش تىلغا ئېلىنغاندا ،لاھىيەنىڭ دەسلىپىدە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ،كۆپ تەرەپلىمە دەلىللەش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرى يەكۈن چىقرىلغان .يەنى شامال توسۇش تېمىدا تۆشۈك ئېچىش نىسبىتى 20% كە يەتكۈزۈلگەن ،شامال توسۇش تېمى كۆۋرۈكتىن تۆت مېتىر ئېگىز بۇلۇپ ،كۆۋرۈك شامال ۋە پويىزغا مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلغان بولغاچقا پويىزنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved