جەنۇب تەرەپ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ئابوت تەكلىپىگە بىنائەن ئاۋىسترالىيىنىڭ بىرىسپاندا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ،بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ئايرىلدى .ئاۋسترالىيە فېدراتسىيىسىنىڭ ۋالىيسى گوسكورۇف بىلەن زۇڭلى ئابوت ،فېيجى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى نەيرادىكو بىلەن زۇڭلىسى مۇبەينى مارامالارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ .ھەمدە فېيجىدا تىنىچ ئوكياندىكى دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئارال دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ .رەئىس شى جىنپىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ زىيارەتكە چىققانلار ئىچىدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پىڭ لىيۈەن ،مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى ،مەركەز سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ ،مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى ،گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ ،مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى ،مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ،مەركىزى كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ ،دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى ،مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شىياۋچۈەن قاتارلىقلار بار .
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋىسترالىيىنىڭ بېرىسپاندا 20دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋا تقان ھەم ئاۋىستىرالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بۇلۇۋاتقان مەزگىلدە 11-ئاينىڭ 15- كۈنى شۇ جايدىكى ئاساسلىق تاراتقۇدا ‹ جۇڭگو ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ نادىر سەھىپە ئاچايلى ›دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى . شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو بىلەن ئاۋىسترالىيىنىڭ ئارلىقى ئۇزۇن بولسىمۇ ئەمما رېئاللىق ۋە تارىخ بىزنى مەھكەم باغلاپ كەلدى ،دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 42 يىلدىن بۇيان جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئالاھىدە مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى ،ئىككى دۆلەت ياخشى دوست ۋە ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلارغا ئايلىنىپ ئىككى دۆلەت خەلق بۇنىڭدىن چوڭقۇر نەپكە ئېرىشتى .جۇڭگو بىلەن ئاۋىسترالىيىنىڭ بىرى شەرق بىرى جەنۇپ مەدەنىيىگە ئىگە ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك يۈكسەكلىككە يېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم تەجرىبە شۇكى ئىككى تەرەپ بىر -بىرىنى ھۆرمەتلەش ،تىنچلىقتا ئۆز ئارا مەنپەت يەتكۈزۈش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ ،ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق مەنپەتلىنىشنى ،ئالاقە ئارقىلىق دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈردى ،بۇ جۇڭگو ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى توغرا يول بۇلۇپ تارىخى تەجرىبىلىرىدىن ئۆتۈپ ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ تېخىمۇ ئەتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى .نۆۋەتتە خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەت ئالاقىسى سىجىل كېڭىيىپ ،ئورتاق تونۇشىمىز ئۈزلۈكسىز ئاشتى ،جۇڭگو ئاۋسترالىيە ھەمكارلىقىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتەرلىك ،ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى گەۋدىلىك ،رېئال ئاساسى چوڭقۇر تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى ، مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئاۋسترالىيە رەھبەرلىرى ھەم ھەر قايسى ساھەدىكى دوستلار بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ،ھەمكارلىق يۇشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ ،دوستلۇقنى چىڭىتىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ نادىر سەھىپە ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمەن .جۇڭگو ئاۋسترالىيە ھەمكارلىقىدىكى ياخشى ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ،زۇڭلى ئابوت ۋە 20 دۆلەت گورۇھىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېشىش ئىستراتېگىيىسى تۈزۈپ ،ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىي بەرپا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق يېڭى ئېچىش نۇقتىلىرىنى يارىتىشنى ئۈمىت قىلىمەن ›.
رەئىس شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو بىلەن ئاۋىسترالىيىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقى يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى ،قول تۇتۇشۇپ ھەسسىلەپ تىرىشساقلا ،جۇڭگو ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved