كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ساغلاملىقىمىزغا پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرىمىز. تەتقىقاتچىلارنىڭ يېقىندىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا ھۆسنخەت يېزىش، رەسىم سىزىشنىڭمۇ سالامەتلىككە پايدىسى بارلىقى مۇنداق قەيت قىلىنغان.
جىسمانىي كۈچىمىزنى چېنىقتۇرىدۇ. ياشانغانلار بىكار ۋاقىتلىرىدا ھۆسن خەت يېزىپ رەسىم سىزىپ بەرسە، سالامەتلىكىگە پايدىسى زور بولىدىكەن. ئەڭ ئاۋۋال ئۇلار بۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىدۇ، تېخى رەسىم سىزىش كۇرسلىرىغا بېرىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىدۇ. بۇ خىلدىكى كوللىكتىپ ھالەت ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق.
مېڭە يىگىلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قەلەم تەۋرەتكەندە كاللا ئىشلىتىلىدىغان، ئويلىنىدىغان بولغاچقا بۇ ۋاقىتتا چوڭ مېڭە نېرۋا پېپتىد دەيدىغان يۇقىرى دەرىجلىك بىر خىل خىمىيىلىك ماددا قويۇپ بېرىدۇ بۇ ماددا ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق.
جىمغۇرلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياشانغانلار ھۆسنخەت ۋە رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەندە ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئۆز ئارا پىكىرلىشىپ ھەمسۆھبەتتە بولۇپ كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىشىدۇ، ئىلھام بولسا ئىجادىيەت روھى ئۇرغۇيدۇ، ئۆزى ھەل قىلالمىغان بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، خۇش بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسىلى گىرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ۋە جىمغۇر بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
پىسخىكا ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ. ھۆسنخەت يېزىش ۋە رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەندە پسىخىكا ساغلاملىققا زىيانلىق بىر قىسىم ئامىللار يوقاپ خۇشال يۈرىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved