ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
4-ئاينىڭ 23- كۈنى ئوباما ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ ،ياپونىيىدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى .ياپونىيىنىڭ يەرلىك گېزىتلىرىنىڭ شۇ كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى : ئوباما زىيارەتكە كېلىشتىن بۇرۇن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ،دىياۋ يۈ ئارىلى ياپونىيىنىڭ سىياسىي ئىشلارنى يولغا قۇيۇشى ئاستىدا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئامانلىق قوغداش شەرتنامىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ›. دېمەك دىياۋ يۈ ئارىلى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرسە ،ئامېرىكا نەزەرىيە جەھەتتىن ياپونىيىگە ياردەم بېرىدۇ .
23-چېسلا ئېلىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چېن گاڭ :‹جۇڭگو دىياۋ يۈ ئارىلىنى ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئامانلىق قوغداش شەرتنامىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوبيېكتىپ بۇلۇپ قېلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ›دېدى .ئۇ مۇنداق دېدى :‹ ياپونىيىنىڭ دىياۋ يۈ ئارىلىنى ئىگىلىۋېلىشى قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز ،ياپونىيىنىڭ دىياۋ يۈ ئارىلى مەسىلىسىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى ئېنىق ھەم يولسىزلىق .ھېچكىم دۆلىتىمىزنىڭ زىمىن ئىگىلىكى ھوقۇقى ۋە دېڭىز ھوقۇقىنى قوغداش غەيرىتى ۋە ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ .›.
چېن گاڭ مۇنداق دېدى : ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتىپاقداشلىقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن ئىككى تەرەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ،بۇ جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە نورمال ھوقۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى لازىم ،جۇڭگو دىياۋ يۈ ئارىلىنى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ ئامانلىق قوغداش شەرتنامىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوبىكىت قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ ،ئامېرىكا ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ ،مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن زىمىن ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە بىر تەرەپكە يان باسمايدىغانلىق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى ، سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بۇلۇپ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ھەقىقىي ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك ،.
شۇ جاي ۋاقتى 23-چېسلا كەچتە ئوباما توكيودىكى خانىدا ئايرودرومغا يېتىپ بېرىپ ،بىر ھەپتىلىك ئاسىيا سەپىرىنى باشلىدى ،ياپونىيە ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى ،ئارقىدىن يەنە ، ئوباما كورىيە ،مالايسىيا ،فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتكە زىيارەتكە بارىدۇ .ياپونىيە ئېلان قىلغان كۈن تەرتىپ بويىچە ئوباما ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە دۆلەت مېھمىنى ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولىدۇ .
ئوباما 1996-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كلىنتون ياپونىيىگە زىيارەتكە كەلگەندىن بۇيان ياپونىيەنى 18 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دۆلەت مېھمىنى ئۆلچىمى بىلەن كۈتۈۋالىدىغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى .ياپونىيە بۇ قېتىم ئوبامانى ئالىي ئۆلچەمدىكى دۆلەت مېھمىنى كۈن تەرتىپى بويىچە كۈتۈۋېلىشقا خېلى كۆپ كۈچ چىقاردى .ئىلگىركى خەۋەردە ئامېرىكا ياپونىيە ئوتتۇرىغا قويغان بۇ يۇقىرى ئۆلچەمگە ئىنكاس قايتۇرمىغان ئىدى ،ياپونىيە كۆڭلىدە زادى قانداق چوت سوقۇۋاتىدۇ ؟ئوباما ياپونىيىدە قانداق كۈتۈۋېلىنىدۇ ؟ئالدى بىلەن ياپونىيىنىڭ دۆلەت مېھمېنىنى كۈتىۋېلىش تۈزۈمى ئۈستىدە توختالساق ،ياپونىيىنىڭ دىپلوماتىيە قائىدىسى بويىچە ياپونىيە زىيارەتكە كەلگەن چەتئەلنىڭ پادىشاھىنى ، زۇڭتۇڭ ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى ئالىي مېھمانسارايغا چۈشۈرۈش قارشى ئېلىش ، ئۇزىتىش مۇراسىمى ،ساماۋىي پادىشاھ ،خانىش بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەت مېھمېنىنى كۈتىۋېلىش قائىدىسى بويىچە كۈتۈۋالىدۇ .
ياپونىيە دۆلەت رەھبىرى ۋە ئون ئىككى ھەمراھ خادىمنىڭ تۆت كۈنلۈك خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ھەم مېھمانلارغا خان جەمەتى ئاپتوموبىلنى سەپلەپ بېرىشكە مەسئۇل بىراق دۆلەت مېھمىنى بۇلۇتنىڭ بىر شەرتى بار ،ئۇ بولسىمۇ چوقۇم ياپونىيىدە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرىدىغان بۇلىشى كېرەك .ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا تەرەپ 23-چېسلا ئوباما ، كەچتە ياپونىيىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن پەقەت ئارام ئالىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن بىر كۈن ۋاقىت ئىسراپ بۇلۇپ كېتىدۇ دەپ قاراپ ،ياپونىيە ۋاقتى 24-چېسلا سەھەردە يېتىپ بېرىپلا زىيارەتنى باشلاش تەكلىپىنى بەرگەن ،بىراق مۇشۇنداق بولغاندا دۆلەت مېھمانلىرىنىڭ ئۆلچەم تەلەپلىرىدىكى ئۈچ كۈن تۇشۇش ۋاقتى توشمايدۇ .شۇڭا ئىكككى تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق ئاخىرى ئاقساراي ئوبامانىڭ 23-چېسلا كەچتە يېتىپ بېرىشىغا قوشۇلدى ، ئەمما ئوباما دۆلەت مېھمانلىرىنى كۈتىۋېلىش مېھمانسارىيىغا چۈشمەستىن ،ئامېرىكىنى ياپونىيىدىكى ئەلچىخانىسى ئەتراپىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا چۈشۈشنى تاللىدى ، بۇ ياپونىيەنى سەل ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى .
تاراتقۇىلار ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى خانىمىنى ئېلىپ كەلمەسلىك ،ياپونىيە پارلامىنتىدا نۇتۇق سۆزلىمەسلىك ياپونىيىنىڭ دۆلەت مېھمانلىرىنى كۈتىۋېلىش مېھمانخانىسىدا تۇرماسلىقتىن ئىبارەت ئۈچنى قىلماسلىققا يىغىنچاقلىدى .بۇ ئوبامانىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغاندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم ياپونىيىدە زىيارەتتە بۇلىشى .ئوباما 2009-يىلى 11-ئايدا ياپونىيىدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغان .شۇ چاغدىكى ياپونىيە باش ۋەزىرى يوكىيو خاتو ياما بىلەن كۆرۈشكەن ، شۇ قېتىملىق زىيارەت ئىككى يېرىم كۈن بولغان .شۇ چاغدا ياپونىيە ئوبامانى دۆلەت مېھمانلىرىنى كۈتىۋېلىش مۇئامىلىسىدە كۈتمىگەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved