1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ‹مەركىزىي شەھەر گېزىتى› نىڭ مۇخبىرى شىئەن شەھىرى چاڭئەن رايونى دارېن شەرقىي كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئېغىزىدىكى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا نۇرغۇن ماشىنىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى، لېكىن نۇرغۇن ماشىنىلارغا رەڭلىك سىر چېچىۋىتىلگەنلىكىنى كۆرگەن. ماشىنا ئىگىلىرى مۇنداق دېدى:‹يولنىڭ ئۇ چېتىدىن تارتىپ بۇ چېتىگىچە، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 50-60 ماشىنىغا سىر چېچىۋىتىلگەن بولۇپ، ئاق رەڭلىك ماشىنىلارغا قارا ياكى قىزىل رەڭلىك سىر، قارا رەڭلىك ماشىنىلارغا بولسا ئاق رەڭلىك سىر چېچىۋېتىلىپتۇ›.
مۇخبىر نەق مەيداندا بۇ ماشىنىلارغا چېچىلغان سىرلارنىڭ ناھايىتى يىرىك ئىكەنلىكىنى، بۇ سىرلارنى سۈرتۈپمۇ چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر سۈرتۈپ چىقىرىۋەتمەكچى بولسا ماشىنىنىڭ ئۈستىدە چوقۇم ئىزى قالىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنداقتا بۇ سىرلارنى زادى كىم چاچقان؟
ماشىنا ئىگىلىرى مۇنداق دېدى:‹بىز ئىلگىرى بۇ يەرگە ماشىنا توختىتىش ھەققى تاپشۇرغان، ھېچكىم بۇ يەرگە ماشىنا توختاتسا بولمايدۇ دېمىگەن، بۇ چوقۇم كىچىك بالىلارنىڭ قىلغان ئىشى، چوڭ ئادەملەر قانداقمۇ بۇ خىل ئىشنى قىلسۇن؟›.
ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ يەرگە ماشىنىسىنى توختىتىپ قويغانلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ تەرەپتىكى زاۋئەن لىنجۇاڭ ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر بولۇپ، ماشىنا توختىتىلغان بۇ يولدا ئادەتتە ئەتىگەندىن كەچكىچە ئادەم ئانچە كۆپ ئۆتمەيدىكەن، يەنە كېلىپ كوچا چىرىغىمۇ غۇۋا بولۇپ، بۇ يەردە كۆزىتىش كامىراسىمۇ يوق ئىدى. شۇڭلاشقا كىمنىڭ زادى قايسى ۋاقىتتا ماشىنىلارغا سىر چېچىۋەتكەنلىكى ھازىرچە ئېنىقلانمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە چۇاڭخۇي ساقچىخانىسى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved