بەيدۇ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
كورىيەنىڭ يىللار ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىنى ئىزدەش قۇتقۇزۇش خىزمىتى بۈگۈن 15-كۈنىگە قەدەم قويدى ،تۈنۈگۈنگە قەدەر قازا قىلغانلارنىڭ سانى 205 كە يېتىپ ،97 ئادەمنىڭ دېرىكى بولمىغان .
تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ، كورىيە ئەمەلدارلىرى بۈگۈن 105 ئىزدەش قۇتقۇزۇش خادىمنىڭ تۆت تەرەپلىك سول تەرەپ پاراخوت تېشى ۋە مەركىزى نۇقتا ، شۇنداقلا بەش قەۋەتلىك چوڭ زالنى ئىزدىگەنلىكىنى ئېيتتى .كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتىلىقنىنڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز تەۋەسى تاشقىن دېڭىز ۋەزىيىتىگە كىرگەن ، شۇنداقلا پاراخوتنىڭ ئىچىدە ،لەيلىمە ماددا كۆپ بولغاچقا ،نۆۋەتتە ئىزدەش خىزمىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كەتكەن .
سۇدا ئالاھىدە ئوكسىگېن ئارقىلىق غەۋۋاسلارنىڭ سۇ ئاستىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك ،ئۇلار پالوبىدا نۇرغۇن تۇربىنى كۆرگەن ،بۇ ئوكسېگىن يەتكۈزۈشكە كېرەكلىك بولغان تۇربا ئىكەن ،نۆۋەتتە كورىيە ھۆكۈمىتى جىڭجىداۋ ئەنشەن شەھىرىدە جامائەت مىيىت زالىنى ئورۇنلاشتۇردى .
ھۆكۈمەت تارماقلىرى قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ، قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى پىسخىكا جەھەتتە داۋالايدىكەن .
كورىيە زۇڭتۇڭى پاك كىنخۈي تۈنۈگۈن يىللار ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا رەسمىي كەچۈرۈم سوراپ ،كورىيە ھۆكۈمىتىنى ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقى ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە خەلقنى ئازابقا قويغانلىقىنى ئېيتتى .
پاك كىنخۈي يەنە ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىدىن دۆلەت بىخەتەرلىك ئورنى تەسىس قىلىپ ،ئېغىر ئاپەتلەردىن قۇتقۇزۇشقا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلدى .28-ئاپرېل كورىيە تەپتىش تارماقلىرى ساقچىلار يىللار ناملىق پاراخوتنى قۇتقۇزۇش سىگىنالنى قۇبۇل قىلغان چوڭلا جەنۇبىي ئارىلىدىكى مۇخپۇ دېڭىز ئوكيان ساقچى نازارىتىنى تەكشۈردى .
ھادىسىسى يۈز بەرگەن كۈندىكى خىزمەت خاتىرىسى ۋە يىللار ناملىق پاراخوتقا ئائىت ئۈن ماتېرىيالىنى تۇتۇپ قالدى ،شۇنداقلا دېڭىز ساقچىلىرى ،ھادىسە يۈز بەرگەن دەسلەپكى ۋاقىتتا ، خىزمەتتە بىخەستىلىك قىلغان ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈردى .كورىيە تەپتىش تارماقلىرى شۇ كۈنى يەنە ،پاراخوتنىڭ ئىگىسى يۈ بىڭيەن جەمەتىنىڭ بىر قانچە ئىشخانىسى ۋە تايگودىكى تۇرالغۇسىنى تەكشۈردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved