خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كامبودژا دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىقى 16-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مېكوڭ دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنىغا جىددىي سۇ تولۇقلاپ، مېكوڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىق لەنساڭجياڭ-مېكوڭ دەرياسى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگونىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ سۇ تولۇقلاش قارارى مېكوڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، دىيىلدى.
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 15-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېكوڭ ۋادىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى جىڭخوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن تۆۋەن ئېقىنغا جىددىي سۇ تولۇقلايدۇ، بۇ لائوس، بىرما، تايلاند، كامبودژا، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ، تۆۋەن ئېقىندىكى قۇرغاقچىلىقنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئېل نىنو ھادىسىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبلىك، لەنساڭجياڭ-مېكوڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى دۆلەتلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەردى. يېقىنقى مەزگىلدە، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ، دەريا بويىدىكى دۆلەتلەر ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا خەۋپ يەتكۈزدى.
![]() |
مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 6-ماي ئېنىقلىشىچە، ئىچكى كابىنتىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى 5-مايدىكى تىك ئۇچار يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان.
مالايسىيا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇتقۇزغۇچىلار 6-ماي ...
|
![]() |
شى جىنپىڭ نارشكىن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved