خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 13- مارت چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق ساياھەت كوپىراتىپلىرى مەسئۇللىرى «رۇيدا» مېھمانسارىيىغا يىغىلىپ، تۈركىيە-ئامېرىكا «مېمورىئال» دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ «ئەفران» ۋاسىتىچىلىك شىركىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى تۈركىيەگە بېرىپ داۋالىنىش ساياھىتىنى چۈشەندۈرۈش يىغىنىغا قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ ھازىر داۋالاش تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 4 -ئورۇندا بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىمىزگە داۋالىنىش ساياھىتى ۋېزىسى بېرىشكە باشلىغان. دۇنيا بويىچە داڭلىق داۋالاش ئاپپاراتى بولغان ئامېرىكا «مېمورىئال» دوختۇرخانىسى تۈركىيەدە تەسىس قىلغان شۆبە دوختۇرخانىسى بۇ سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ «ئەفران» ۋاسىتىچىلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭدا بۇ تۈرنى يولغا قويغان.
شىنجاڭ «ئەفران» ۋاسىتىچىلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەلقەم ئەمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، داۋالىنىش ساياھىتى ھازىر خەلقئارادىكى ئەڭ بازارلىق، ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ساياھەت مەھسۇلاتى بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭدا بۇ تۈرنى يولغا قويۇش شىنجاڭلىقلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ داۋالىنىشى جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدىكەن. بۈ تۈرگە قاتنىشىپ تۈركىيەگە ساياھەتكە چىققانلار تۈركىيەدىكى ۋاقتىدا تۈركىيە-ئامېرىكا «مېمورىئال» دوختۇرخانىسى، تۈركىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بولغان «خوسپىتادېنت» دوختۇرخانىسى، ئىستامبۇلدىكى دۇنيا بويىچە 3 - ئورۇندا، ياۋروپا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان داڭلىق ھۆسىن تۈزەش دوختۇرخانىسى «ئېستېسېنسې» دە ھەقسىز تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارالايدىكەن.
![]() |
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى پىئانا ئىسىملىك ئەر 18 يېشىدىن باشلاپلا ئىستېروئىد ھورمونىنى ئىستېمال قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، بوي- تۇرقى خۇددى تاش ئادەمگە ئوخشاپ قالغان.
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 9-كۈنى تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى-ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بايرىمى بولۇپ، تايلاند خان جەمەتى ھەر يىلى داغدۇغىلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تېرىلغۇ مەزگىلى باشل...
|
![]() |
جاڭ چۈنشيەن جاڭ ۋېنشيۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
ياۋ تۇڭ خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved