جاھان ئاگېنتلىقى 25-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تونىس باردو رايۇنىدىكى ھەربي لاگېردا بىر ئەسكەر ئوق چىقىرىپ 5 ئەسكەر ئۆلدى. پرېزىدېنت باياناتچىسى مۇئاز ئەس-سىناۋى ئاخبارات ئېلان قىلىشى يغىنىدا، باردودىكى ھەربىي لاگېردا بىر ئەسكەرنىڭ ئەتراپقا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى، شۇ ئەسنادا 5 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 8 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئەسكەرنىڭ نىمە سەۋەبتىن ئوق چىقارغانلىقى نامەلۇم ئىكەن. مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى بىلھەسەن ئەل ۋىسلاتى مەزكۇر ۋەقەنىڭ تېرورلۇق ۋەقەسى ئەمەسلىكىنى دەلىللىدى.
تۇنىستا 18-مارتتا باردو مۇزىيى قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 23 كىشى ئۆلگەن ۋە 47 كىشى يارىلانغان ئىدى. تېرور تەشكىلاتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بۇ قانلىق ۋەقەنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved