3-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئۇيقۇ كۈنى»، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆتىنچى خەلق دوختۇرخانىسى ئۇيقۇ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن چياڭ (陈强) مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېيىشىچە، ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەر توپى بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلار يىلسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلار ھەر يىلى %25 كۆپىيىدىكەن.
چېن چياڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيقۇغا بولغان زىيىنىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى ئويناشقا ئادەتلىنىپ قالدى، بۇلار قېنىق چاي، قەھۋەدىنمۇ بەكرەك ئۇيقۇغا زىيانلىق.»
چېن چياڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى، كەچتە ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنى ئوينىماسلىق كېرەك، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيقۇ ئۈچۈن پايدىلىق بولغان باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ساغلام ئۇيقۇ ئادىتى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved