ئاسىيا لوڭقىسى : جۇڭگۇ كوماندىسى ئۆزبىكىستان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17 دە ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئىككىنچى ئايلانمىسى B  گۇرۇپپىدىكى جۇڭگۇ كوماندىسى بىلەن ئۆزبىكىستان كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى بۇرسبون توپ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئەخمەتوفنىڭ يىراقتىن ئۇرغان توپى جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە توپچىسىنىڭ بەدىنىگە تېگىپ ۋاراتارغا كىردى. ۋۇ شى جۇڭگۇ كوماندىسى ئۈچۈن نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن بىر توپنى كىرگۈزدى. سۈن كې يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2-1 بىر قىلىپ ئۆزگەرتتى. ئاخىردا جۇڭگۇ كوماندىسى ئۆزبىكىستان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ كىچىك گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچىسى بولدى.

 

مۇسابىقە باشلىنىپ 22 مىنۇت بولغاندا ئۆزبىكىستان كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. ئەخمەتوف سولدىن توپ ئېلىپ ئازراق تەڭشىگەندىن كېيىن ۋاراتارغا ئۇردى. توپ جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە توپچىسىنىڭ بەدىنىگە تېگىپ كېتىپ ۋاراتارغا كىردى. ئوزبىكىستان كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن ۋاقتىنچە جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان 1-0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. 

 

كېيىنكى يېرىم مەيداندا ھەر ئىككى تەرەپ تەڭشەش ئېلىپ باردى. خاۋ جۈنمىن مەيدانغا چىقىپ يۈ خەي مەيداندىن چۈشتى. تۇرايىف مەيدانغا چىقىپ مۇراگانوف مەيداندىن چۈشتى. 

 

55 مىنۇت بولغاندا جۇڭگۇ كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. جىياڭ جىپېڭ سولدىن يانتۇ پاس بەردى. ۋۇ لېي توپنى ۋاراتار ئالدىغا تاشلىدى. خاۋ لىن چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە توپنى يان تەرىپىدىن نۇقتا توپ تېپىدىغان جايغا بەردى. ۋۇ شى ئەگىشىپ توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. جۇڭگۇ كوماندىسى 1-1 نەتىجە بىلەن مۇسابىقە نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى.

 

68 مىنۇت بولغاندا جۇڭگۇ كوماندىسى نەتىجىدە ئېشىپ كەتتى. تېخى ئەمدىلا مەيدانغا چىققان سۈن كې سەپدىشى ئوتتۇرا مەيداندىن بەرگەن پاسنى ئېلىپلا چەكلەنگەن رايۇن ئالدىدا ۋاراتارغا تېپىپ كىرگۈزدى. جۇڭگۇ كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە ھېچكىم توپ كىرگۈزەلمىدى. ئاخىرىدا جۇڭگۇ كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن ئۆزبىكىستان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ 14 يىلدىن بۇيان ئۆزبىكىستان كوماندىسىنى تۇنجى قېتىم مەغلۇپ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. 

 

جۇڭگۇ كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار : 23-نومۇر ۋاڭ دالېي. 3-نومۇر مېي فاڭ. 5-جاڭ لىنپېڭ. 2-نومۇر رېن خاڭ. 4-نومۇر جىياڭ جىپېڭ.  15-نومۇر ۋۇ شى. 10-نومۇر جېڭ جى. 17-نومۇر جاڭ چېڭدوڭ. ( 81 مىنۇت بولغاندا لىيۇ بىن بىن ئورنىغا چىقتى. 7-نومۇر ۋۇ لېي. 21-نومۇر يۈ خەي ( 46 مىنۇت بولغاندا خاۋ جۈنمىن ئورنىغا چىقتى.) 18-نومۇر خاۋ لىن ( 66 مىنۇت بولغاندا سۈن كې ئورنىغا چىقتى.)

 

مەيدانغا چىقمىغان زاپاس ئەزالار : 1-نومۇر زېڭ چېڭ. 6-نومۇر لى ئاڭ. 8-نومۇر سەي خۇيكاڭ. 9-نومۇر ياڭ شۈ. 12-نومۇر يەن جۈنلىڭ. 13-نومۇر لىيۇ جىيەنيې. 14-ئومۇر جى شىياڭ. 20-نومۇر يۈ خەنچاۋ. 22-نومۇر مىيۇ لىشېڭ.

 

ئۆزبىكىستان كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: نېستىلوف. مۇراگانوف. ئىسمىروف. ھىلداروف. گىپاروف. ئەھمەتوف. سېرگىيوف. تۇرسۇنوف. كالپاز. دېرنىسۇف. سۇرامىدۇف.



خەتكۈچلەر:
15-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: پۇتبول تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
Powered by Leglek