ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى پات ئارىدا بېيجىڭغا بېرىپ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىش ھەمدە زۇڭتۇڭ ئوباماغا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا 4-نويابىر جوخاننىس خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىغا مەخسۇس بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى.
كېررى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، بۇ 21-ئەسىرگە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى مۇھىم، ئىككى دۆلەت بۇ مۇناسىۋىتىنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن پىرىنسىپال مول مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئوباما ھۆكۈمىتى ۋەزىپە ئۆتىگە ئالتە يىلدىن بۇيان ئىزچىل كۈچ چىقىرىۋاتقان خىزمەت، يەنە كېلىپ ئۇ ئاخىرقى ئىككى يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە مۇشۇنداق قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved