شىنجاڭدا ئۈچ ئاي ئىچىدە210مىڭ پاسپورت بېجىرىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.4ھەسسە ئاشتى

          مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدە ئېچىلغان « خەلققە دوكلات بېرىش، ئاممىنى رازى قىلىش»  دوكلات يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن  11-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قوبۇل قىلغان پاسپورت بېجىرىش ئىلتىماسى 228مىڭ 876ئادەم قېتىمغا، بېجىرىلگەن پاسپورت 213مىڭ 708گە يەتكەن بۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 240.8ئاشقان.2015-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتى خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىش جەھەتتە، ئىلگىرى - كىيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى مۇندەرىجىسى، خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، نۇقتىلىق ۋەزىپە، ئىش تەقسىماتى لايىھەسىنى تۈزۈپ تارقاتتى ھەمدە ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. بۇلۇپمۇ بۇيىل 8-ئايدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئاھالىلەر ئادەتتىكى پاسپورت باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، پاسپورت تارقىتىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ 11-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قوبۇل قىلغان پاسپورت بېجىرىش ئىلتىماسى 228مىڭ 876ئادەم قېتىمغا، بېجىرىلگەن پاسپورت 213مىڭ 708گە يەتكەن بۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 240.8ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جايلاردا ھەرجايدىكى ساقچىخانىلار كۆپەيتكەن چېگرىدىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى قوبۇل قىلىش كۆزنىكى 111گە ، تولۇقلىغان ئادەم كۈچى 276گە يەتتى.

   يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاممىنىڭ چەت ئەلگە ( چېگرا سىرتىغا ) چىقىش كىنىشكا بېجىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىر قاتار خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى يېڭىدىن يولغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە كىملىكنى سېكانىرلاش ئارقىلىق ئىلتىماس جەدۋىلىنى ئاپتوماتىك بېسىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتتى، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس جەدۋىلىدىكى ماس ئورۇنلارنى تاللاپ ھەمدە ئىمزا قويسىلابولىدىغان قىلىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن سىرت، پاسپورتنى پوچتىدىن ئەۋەتىش كەسپى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، پاسپورت بېجىرىلىپ بولغاندىن كىيىن، بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئەۋەتىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچى پاسپورتنى ئېلىش ئۈچۈن قايتا كىلىشى ھاجەتسىز قىلىندى.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    6-ئاپرېل، 11 تارماق بىرلىكتە «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق مال سېتىۋېلىش ئىمپورت تاۋارلىرى تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى. ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، چەت ئەلدىن مال سېتىۋالغاندا نېمىلەرنى سېتىۋېلىش، نېمەلەرنى سېتىۋا...
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
Powered by Leglek