ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەڭ چوڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش بازىسى قۇرۇش پىلانلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خالىدەم توختى خەۋىرى، فوتوسى: ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ بىندا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئەڭ چوڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش بازىسى قۇرۇش تۈرى بويىچە 14-مارت توختام ئىمزالىغان بولۇپ، 67 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈر ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ «ppp» مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان، داڭلىق كارخانىلارنى ياشانغانلار كۈتۈنۈش تىجارەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىگە قارىتا بىر قېتىملىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشقا جەلپ قىلىدىغان، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەڭ چوڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ بازىنىڭ ئورنى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ «4A» دەرىجىلىك جىغانلىق سۇلۇ يەر باغچا رايونىغا جايلىشىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 22 مىڭ 333 كىۋادرات مېتىر. بۇ بازا ياشانغانلار كۈتۈنۈش بىناسى، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيەت مەركىزى ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال ياشانغاندا كۈتۈنۈش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.

ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ «يېرىم تاغ، يېرىم بۇلاق شەھىرى»، «چېگرا بوستانلىقى» قاتارلىق چىرايلىق ناملىرى بار، ناھىيەنىڭ ھاۋاسى ئىللىق، ئېكولوگىيەسى بۇلغانمىغان، تەبىئىي مەنزىرە رايونلىرى كۆپ، بۇلاق سۈيى مەنبەسى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى دەم ئېلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. تۈر قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كىيىن، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش، «يىپەك يولىدىكى بۇلاق شەھىرى . گۈزەل ئۈچتۇرپان» ساياھەت ماركىسىنى يارىتىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.



خەتكۈچلەر:
16-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-04-2016
   چەت ئەل تاراتقۇرلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل يېقىندا خىرستىيان دىنى دېموكراتىك پارتىيەسىگە 9500 ياۋرو پارتىيە ئەزالىق بەدىلى پۇلىغا قەرز بولۇپ قالغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىرىستىيان دىنى د...
26-04-2016
    رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو مەملىكەتلىك ئىبادەتخانا ۋە دىنى تەشكىلات ھەيئەتلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ۋەدە بېرىپ: ئوكرائىنادا ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ...
26-04-2016
1996 - يىل 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 - يىل 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 78 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى. 1 ...
26-04-2016
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پولشالىق بىر ئايال ھامىلدار بولۇپ تۆت ئايلىق بولغىنىدا راك كېسىلى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان، كىيىن دوختۇرلار ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان. قورساقتىكى  ھامىلىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ...
26-04-2016
    مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، يەنى بۈگۈن چۈشتىن كىيىن، HTC ئورگان تەرەپ مىكرو بىلوگىدا HTC 10 نىڭ سنەپدىراگون 652 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن نۇسخىسى (يەنى HTC 10 Lifestyle...
26-04-2016
    «ئۇچقۇر ئوغرى» يۈرۈشلۈكلىرى ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يۈرۈشلۈك فىلىملەر، بۇ فىلىمنىڭ تۆتىنچى بۆلۈمىنىڭ 2017-يىلى قويۇلىدىغانلىقى خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن ھازىرغىچە باش رولغا كى...
26-04-2016
    ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 25-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغ...
26-04-2016
    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلنغان بىر پارچە ماقالىدە مۇنداق دەپ قارالغان: ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىس...
26-04-2016
     يېقىندا 11- سېنتەبر ۋەقەسىنى مەخپىي تەكشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە ھۆججەت ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ كونا ئىتتىپاقدىشى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوتتۇرىسدا سوغاقچلىق پەيدا قىلدى. بۇ ھۆججەتنىڭ ئەسلى مەقسىدى سەئۇدى ئەرەبس...
26-04-2016
     «فوربېس» ژۇرنىلى تور نۇسخىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ Gear يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى مەۋھۇم رېئاللىق قالپىقىنىڭ ئىستېمالچىلاردا تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشىغا تۈرتكە بولغان. ئەمما ئېنىقلىۋېلىشقا تېگىشلىكى، بۇ م...
Powered by Leglek