توساقتىن ئاتلاش ماھارىتى مۇسابىقىسى 6-فېۋرال ئالدىن باشلاندى. جۇڭگونىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش ئەرلەر يەككە تۈرىنىڭ ماھىرى يەن خەن، قوش كىشىلىك تېيىلىش ماھىرلىرى پېڭ چېڭ بىلەن جاڭ خاۋ، ئاياللار قاردا ماھارەت كۆرسىتىش تەنھەرىكەتچىسى نىڭ چىن ئايرىم-ئايرىم تۇنجى مۇسابىقىنى تاماملىدى. تاختايدا قار تېيىلىش ئەر-ئاياللار يانتۇلۇقتا توساقتىن ئاتلاش ماھارىتى مۇسابىقىسىگە جۇڭگو ماھىرى قاتناشمىدى.
پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى قارا دېڭىز بويىغا جايلاشقان سوچى شەھىرىدىكى فىشت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانىدا 40 مىڭ تاماشىبىن 3000 ئارتىس ۋە 2000 دىن ئارتۇق پىدائىي قاتناشقان ئېچىلىش مۇراسىمى ئويۇنىنى كۆردى، چوڭ مەشئەل ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىلغان مەشئەل ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلدى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۇچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى-رۇسىيە تارىختا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى. سۇچى ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەمئىي يەتتە چوڭ تۈر، 15 تارماق تۈر، 98 كىچىك تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سانى 87 گە يېتىپ، رېكورت يارىتىلدى. ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، گوللاندىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق بەش دۆلەت تارىختا كۆلىمى ئەڭ زور بولغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئەۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سانى 230 غا يېتىپ، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچى سانىدا رېكورت ياراتتى. جۇڭگو قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، 66 تەنھەرىكەتچىدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىم تۆت چوڭ تۈر، توققۇز تارماق تۈر، 49 كىچىك تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. ئولىمپىك مۇسابىقىسى چېمپىيونى ۋاڭ مېڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن تاسادىپىي يارىلانغانلىقتىن، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچى تەسىرگە ئۇچرىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved