پۇتىننىڭ قىرىمدىكى قاتتىق پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك، دۆلەت ئىچىدىكى قوللاش نىسبىتى %75.7 گە ئۆرلەپ، بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا پۇتىننىڭ ئوبرازى جىددىي خۇنۈكلەشتى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى 5-مارت رۇسىيەنىڭ قىرىمدىكى ئىشلىرىنى تىلغا ئالغاندا « بۇ خىلدىكى گەپ سۆزلەر تونۇشتەك تۇيۇلىۋاتىدۇ، بۇنداق ئىشلارنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى گېتلىرمۇ قىلغان» دېدى.
1999-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، يېلتسىن تويۇقسىزلا ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى، رۇسىيە ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، پۇتىن پرېزىدېنتلىقنى ئۈستىگە ئالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بىرىنچى مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىققا ئۆستۈرۈلگەن ئۈچ كىشىنىڭ بىرى بولغان پۇتىن، ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن ئىدى. يېلتسىن بىر يىل ئىچىدە تۆت باش مىنىستىر ئالماشتۇرۇپ، ئاخىرى ھېچقانداق نامى چىقمىغان پۇتىننى تاللىغان ئىدى. كۆپ ئۆتمەي ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، پۇتىن ئۆزىنىڭ چېچىنىيە مەسىلىگە قوللانغان قاتتىق قول پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىپ، رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولدى. رەسىمدە: 1999-يىلى يېلتسىن بىلەن ئەينى ۋاقىتتا مۇئاۋىن مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقان پۇتىن، داغىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.
1999-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇۋەققەت پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقان پۇتىن، چېچىنىيە ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، پۇتىن ئۆزى Su-27تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ھەيدەپ، چېچىنىيەدىكى جەڭ مەيدانىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ چېچىنىيە مەسىلىسىدىكى قاتتىق قول پوزىتسىيەسىنى نامايەن قىلدى. 2009-يىلىغا كەلگەندە، چېچىنىيە توپىلاڭچى ئارمىيەسىگە ئېغىر زەربە بېرىپ، كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قويدى، كەڭ كۈلەملىك ئۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن توختىدى، ئىككىنچى قېتىملىق چېچىنىيە ئۇرۇشى رۇسىيەنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ ئۇرۇش چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىكىگە خاتىمە بەردى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بۇ رايونلارنى باشقىدىن قولىغا ئېلىپ، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىدى.
رەسىمدە: پۇتىن Su-27تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ھەيدەپ، جەڭ رايونىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندىن كېيىن ئايروپىلاندىن چۈشۈشكە تەمشەلمەكتە.
ئىككىنچى قېتىملىق چېچىنىيە ئۇرۇشى كىشىلەر قەلبىگە غايەت زور جاراھەت سالدى. جەڭدىن كېيىن چېچىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، ئىككى قېتىملىق چېچىنىيە ئۇرۇشىدا 160 مىڭ جەڭگە قاتناشقان ياكى غەيرى رەسمىي قاتناشقان كىشى ئۆلگەن ياكى يوقاپ كەتكەن. ئىككىلا تەرەپ ئىنسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن، مەسىلەن: 2002-يىلى چېچىنىيە قوراللىك ئۇنسۇرلىرى ئېلىپ بارغان «بېسلان تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى» 326 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان؛ رۇسىيە «ۋاكۇئۇم بومبا» ئىشلىتىپ ۋە قالايمىقان بومبىلاش ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. رەسىمدە: بېسلان تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، بىر ئانا ئوغلىنىڭ قەبرە تېشىنى سۈرتمەكتە، ئۇنىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلى، چوڭ ئانىسى ۋە دادىسى بۇ قېتىملىق تېرورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغان.
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، رۇسىيەنىڭ سابىق ئالاھىدە خادىمى لىتۋىنېنكو لۇندۇندا پولونىي 210 دىن زەھەرلىنىش سەۋەبلىك ئۆلدى. ئۆلۈشتىن ئىلگىرى لىتۋىنېنكو پۇتىننى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋە 2006-يىلى ئەنگىلىيەگە بېرىپ پاناھلانغان ئىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئەنگىلىيە، رۇسىيەلىك سودىگەر ئاندرى لوگوۋىنى يېمەكلىككە زەھەر سېلىۋەتكەن دەپ ئەيىبلەپ، رۇسىيەنىڭ ئۇنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، ئەمما رۇسىيە بۇنى رەت قىلدى. جىنايەت گوماندارى، سابىق ك گ ب ئالاھىدە خادىمى لوگوۋى رۇسىيەدە قىزغىن قارشى ئېلىندى، رۇسىيەلىكلەر توپ –توپ بولۇپ ئۇنىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئىمزا قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، كىشىلەر ئۇنى «قەھىرىمان» دەپ ئەزىزلىدى. رەسىمدە: لىتۋىنېنكو ئەنگىلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا
لىتۋىنېنكو ۋەقەسىدىن كېيىن، رۇسىيە جىنايەت گوماندارىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى ۋە رۇسىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋىزا رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش سۆھبىتىنى ۋاقتىنچە توختاتتى. ئارقىدىنلا موسكۋامۇ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تۆت نەپەر ئەنگىلىيە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى. لىتۋىنۋېنىنكو ئۆلۈشتىن بۇرۇن، بۇنىڭ پۇتىننىڭ ئۆزىنى «ئۇجۇقتۇرۇش» ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سۈيقەستى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. پۇتىن ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك تارماقلىرى بولسا بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلدى. رەسىمدە: لىتۋىنېنكونىڭ تۇل قالغان ئايالى ئۆزى يازغان « مۇخالىپ قاراشتىكى كىشىنىڭ ئۆلۈمى» دېگەن كىتابنىڭ نېمىسچە نەشىرىنىڭ ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا.
2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، گرۇزىيە ئارمىيەسى مۇستەقىللىق جاكارلىغان جەنۇبىي ئوسېتىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى، رۇسىيە ئارمىيەسى تېز سۈرئەتتە تەدبىر كۆرۈپ، ھەربىي ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ گروزىيە ئارمىيەسىگە ھەر تەرەپلىمە زەربە بەردى ۋە جەنۇبىي ئوسېتىيەدىن باشقا گروزىيە زېمىنى ۋە ھەربىي بازىلىرىنى ئىگەللىۋالدى. خەلقئارادىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كېلىشتۈرۈشى ئارقىلىق، گرۇزىيە بىلەن رۇسىيە 8-ئاينىڭ 15- ۋە 16-كۈنلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى، ئۇرۇش جەنۇبىي ئوسېتىيە ۋە ئابغازىيەنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن نەتىجىلەندى. رەسىمدە: رۇسىيە تانكا قىسىملىرى ئۇرۇشقا ماڭماقتا.
جەنۇبىي ئوسېتىيەدىكى توقۇنۇش، ئەسلىدىن جىددىي بولغان رۇسىيە –ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى، رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچى سەۋەبلىك شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئەندىشىگە چۆكتى. جەنۇبىي ئوسېتىيە توقۇنۇشى ئاخىرلىشىپلا، 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، پولشا بىلەن ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپا رايونىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىشتىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلبىسى بولدى، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ستراتېگىيەلىك بوشلۇقىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قىسىش نىشانىنىڭ ئالدىغا بىر قەدەم سىلجىغانلىقدىن دېرەك بەردى. رەسىمدە: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى گروزىيەنىڭ شىمالىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغاندىن كېيىن، شۇ يەرلىك بىر ئايال بىر جەسەتنىڭ يېنىدا ياش تۆكمەكتە.
2003-يىلى، ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ باي، نېفىت ۋە بانكا ماگناتى خودوركوۋسكى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى، 2005-يىلى سودا ئالدامچىلىقى، باج ئوغۇرلاش ۋە باجدىن قېچىش، قاتىللىق ۋە دۆلەت مۈلكىنى ئىگەللىۋېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن توققۇز يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى، 2010-يىلى ئومومنىڭ پۇلىنى يۇتۇۋېلىش ۋە پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن جازا مۇددىتىگە يەنە ئالتە يىل قوشۇلدى. پۇتىننىڭ قوللىغۇچىلىرى، پۇتىننىڭ بۇ ھەرىكىتى پۇل-مۇئامىلە ماگناتلىرىغا زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادقا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى دېدى. رۇسىيە تاراتقۇلىرى ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىدە %54 كىشى خودوركوۋسكىنى قولغا ئېلىشنى قوللىغان. رەسىمدە: تۈرمىدىكى خودوركوۋسكى
نۇرغۇن غەرب ئەللىرى رۇسىيەنىڭ خودوركوۋسكى ئۈستدىن چىقارغا ھۆكۈمىگە قارىتا سوئال ياغدۇردى، ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خودوركوۋسكىغا بولغان ئەيىبلەشلىرى قانۇنىي تەرتىپكە ئۇيغۇن ئەمەس، خودوركوۋسكى دىلوسى رۇسىيەنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتلىك ئوبرازىغا داغ چۈشۈردى دېدى. خودوركوۋسكى قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىغان بولۇپ، ھۆكۈمەتكە قارشى مەيداندىكى « موسكۋا خەۋەرلىرى» گېزىتىنى سېتىۋالغان ۋە 2008-يىللىق رۇسىيە پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. 2013-يىلى 12-ئايدا، پۇتىن خودوركوۋسكىغا ئالاھىدە كەچۈرۈم ئېلان قىلدى، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خودوركوۋسكى ئۇدۇل گېرمانىيەگە كەتتى. رەسىمدە: 2004-يىلى خودوركوۋسكىنىڭ قوللىغۇچىلىرى موسكۋادىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا قارشىلىق بىلدۈرمەكتە.
2013-يىلى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىمى سىنوۋدىن، ئامېرىكىنىڭ «پرىزما» ناملىق ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش پىلانىنى ئاشكارىلىدى، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە سنوۋدوننى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، سنوۋدون موسكۋاغا ئۇچتى، رۇسىيە ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق پاناھلىنىش كېنىشكىسى بەردى. رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ سنوۋدوننى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى. رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىدىن قورقمايدىغان پوزىتسىيەسىنى نامايەن قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشىغا پايدىلىق بولدى. رەسىمدە: سنوۋدون موسكۋادا سەمىمىي ۋە ئەخلاقلىق ئاخبارات خادىملىرى ئۈچۈن بېرىلىدىغان «سام ئادامىس ئەخلاق مۇكاپاتى» نى قوبۇل قىلماقتا.
سنوۋدون ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئەسلى پىلاندىكى G20كاتتىباشلار ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىشنى بىكار قىلىپ، ئامېرىكا –رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى «ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقى» نى جاكارلىدى. 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، پۇتىن، سنوۋدون رۇسىيەدە داۋاملىق تۇرۇشنى خالىسا،چوقۇم ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى كېرەك دېدى. ئىلگىرى ئېكۋادورمۇ سنوۋدوننىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان، ئەمما ئېكۋادور پرېزىدېنتى « موسكۋانىڭ تەستىقى بولمىسا، سنوۋدىننىڭ ئايرودرومدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. رەسىمدە: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئوباما بىلەن پۇتىن شىمالىي ئېرلاندىيەدە ئۇچراشماقتا.
پۇتىننىڭ يۇرتى سان پېتىربۇرگ، بۇ ئىسىم رۇسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئېمپراتور پېتېرⅠدىن كەلگەن. پۇتىن توپچى (زەمبىرەكچى)، كاپىتان، پولكوۋنىك، كېمىساز قاتارلىق كۆپكە قادىر ئوبرازى ۋە « ھەر خىل ماھارەت» لىرى ئارقىلىق رۇسىيە خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
سول ئۈستى تەرەپتىكى رەسىمدە: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، پۇتىن پوتىن ماتورلۇق پلانېر ھەيدەپ يامال يېرىم ئارىلىدا ئۇچماقتا؛
ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى رەسىمدە: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، پۇتىن ئۆزى تۇتقان ئىتباش بېلىقىنى كۆرسەتمەكتە؛
سول ئاستى تەرەپتىكى رەسىمدە: 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، پۇتىن سان پېتىربۇرگ تەنتەربىيە مەكتىپىدە جودو مەشىق قىلماقتا؛
ئوڭ ئاستى تەرەپتىكى رەسىمدە: 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، پۇتىن خاررىي موتسىكىلىتى مىنىپ، ئاۋامغا قول پۇلاڭلاتماقتا.
پۇتىن دۆلەت ئىچىدە « ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتىدۇ»، «شەخسكە چوقۇنۇش» ئىدىيەسى شەكىللەندۈرمەكچى دەپ ئەيىبلەندى. رۇسىيە لېۋادا مەركىزى ئېلىپ بارغان ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدە، %25 رۇسىيەلىك دۆلەت «پۇتىنغا چوقۇنۇش پاتقىقى» غا پېتىپ قالدى دەپ قارىغان، بۇ خىل كۆز قاراشتىكىلەر ئۆتكەن ئالتە يىلدا بىر ھەسسە كۆپەيگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، پۇتىن ئۆزى ئېلىپ بارغان ئىكىسپىدىتسىيە ھەركىتى جەريانىدا تارتىلغان بەزى سۈرەتلەرنىڭ « ئىنچىكە پىلانلانغان» لىقىنى ئىقرار قىلغان، ئۇ مەست قىلغۇچى قورال بىلەن ئاتقان يولۋاش تاغدىكى ياۋايى يولۋاس بولماستىن، بەلكى تۇتۇپ قەپەسكە سولاپ قويۇلغان يولۋاس ئىكەن. رەسىمدە: پۇتىن يولۋاس ئاتماقتا، پۇتىننىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى رەسىملەر ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تارتىلغان ئىكەن.
2000-يىلى پۇتىن پرېزىدېنلىققا سايلانغاندا، رۇسىيە خەلقىگە « 20 يىل ۋاقىت بېرىڭلار، سىلەرگە مۆجىزە كەبى رۇسىيە يارىتىپ بېرىمەن» دېگەن. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ چېچىنىيە ۋە ماگناتتىن ئىبارەت ئىككى «يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە» نى ئېلىپ تاشلىدى؛ ئۇ رۇسىيەدىكى 80 دىن ئارتۇق فېدېراتسىيە گەۋدىسىنى رايون بويىچە يەتتە فېدېراتسىيە رايونىغا يىغىپ، رۇسىيە تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش ئىشىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى؛ دۆلەت ئورگانلىرىغا قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەشتۈردى. 2012-يىلى پۇتىن پرېزىدېنتلىققا قايتا سايلانغانغا قەدەر، رۇسىيەنىڭ GDPئومۇمىي قىممىتى دۇنيادىكى 17- ئورۇندىن، 9- ئورۇنغا چىقتى. رەسىمدە: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، موسكۋا قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان غالىبىيەت پاراتىدىن كۆرۈنۈش.
پۇتىن ھاكىميەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە رۇسىيەنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن تىرىشتى، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە قاتتىق قول بولدى، مەسىلەن: ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلۇدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورنىتىشىغا بېرىلگەن زەربە سۈپىتىدە، ستراتېگىيەلىك بومبىلىغۇچى ئايروپىلانلارنىڭ خەلقئارا ئوچۇق دېڭىزدا ئېلىپ بارىدىغان چارلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى، ھەتتا زۆرۈر تېپىلغاندا يادرو قورالى ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. ياۋروپا ئەللىرىنىڭ رۇسىيە تەبئىي گازىغا بولغان تايىنىشچانلىقىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيەنىڭ داۋاملىق قاتتىق قول پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ قېلىش-قالالماسلىقى كىشىدە گومان قوزغىماقتا. رەسىمدە: 2012-يىلى پۇتىن بىلەن ئوبامانىڭ G20كاتتىباشلار يىغىنىدا ئۇچىراشقان كۆرۈنۈشى
پۇتىن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، رۇسىيە ئىقتىسادىي بىر قەدەر زور ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاز كەم %72 ئاشتى، نامرات نوپۇسنىڭ يېرىمى ئازايدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى پۇتىن ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدە پۈتۈن رۇسىيەدە ھەقسىز داۋالاش ۋە ھەقسىز مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا سازاۋەر بولدى. ئەمما دورىلارنىڭ كەمچىللىكى ۋە بىمارلارنىڭ دورا سۈپىتىگە بولغان ئىشەنمەسلىكى سەۋەبىدىن، زور ساندىكى ئامما يەنىلا داۋالىنىش ھەققىنى ئۆزى تۆلىمەكتە، رۇسىيەنىڭ داۋالىنىشقا بولغان سېلىنمىسى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %4.7 نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، يەنىلا ياۋروپانىڭ %6 لىك ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن تۆۋەن. رەسىمدە: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى رۇسىيە سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرە
گەرچە ئىقتىسادتا كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، شۇنىڭ بىرلا ۋاقىتتا، باي-نامراتلىق پەرقى زورىيىپ كېتىش، پارىخورلۇق ئەۋج ئېلىش، ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى ھالەتنى ساقلاش قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى نېفىت –تەبئىي گاز ئېكسپورتىغا زىيادە تايىنىۋالغان بولۇپ، 2012-يىلى رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى ئېكسپورتىنىڭ ئومومىي ئېكىسپورتتا تۇتقان نىسبىتى %69.8 گە يەتكەن. 2013-يىلى رۇسىيە ئىقتىسادىي ئاران %1.3 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى. رەسىمدە: 2006-يىلى سان پېتىربۇرگنىڭ كوچىلىرىدىكى سەرگەردانلار ھەقسىز شورپا ۋە بولكا ئالماقتا. سان پېتىربۇرگدا مۇشۇنداق سەرگەردانلارنىڭ سانى 50 مىڭغا يېتىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.
2010-يىلى رۇسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر ئەل رايىنى سىناشتا، پۇتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن «دۇنيادىكى ئەڭ جەلىپكار ئەر» نامىغا مۇيەسسەر بولدى. 2011-يىلى 11-ئايدا، پۇتىننىڭ بىرلەشكەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە 2012-يىللىق رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىشى تولۇق بېلەت بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ، رەسمىي تۈردە 2012-يىللىق رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نامزاتى بولدى. 2012-يىلى 3-ئايدا، كۆزىدىن ياش ئاققۇزغان ھالدا پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، پۇتىن سايلامدا %64.9 قوللاش بېلىتىگە ئىرىشتى. رەسىمدە: پۇتىن پرېزىدېنتلىققا سايلانغان كۈنى كەچتە، موسكۋادىكى مانېژ مەيدانىدا ھاياجان ياشلىرىنى تۆكمەكتە.
رۇسىيەدە، پۇتىننى ئەيىبلەيدىغانلارمۇ مەۋجۇد. ئۆكتىچىلەرنىڭ تاراتقۇلىرى پۇتىننىڭ سىياسىتىدە دېموكراتىيەگە زىتلىق مەۋجۇدلىقىنى قەيت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، پۇتىننىڭ شەخىسكە چوقۇنۇش سىياسىتىمۇ كەڭ تۈردە ئەيىبلەشكە ئۇچرىماقتا. بەزى خەۋەرلەردە، پۇتىننىڭ ئۆكتىچىلەرنى قوللىغانلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن تاراتقۇلارنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ باشقۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنىدى. پۇتىن ھۆكۈمىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان «ئىسيانكار مۈشۈكلەر» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بۇنىڭ ياخشى مىسالى. پۇتىننىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، رۇسىيە كومونىستىك پارتىيەسىدىن باشقا بارلىق پارتىيەلەرنى دۆلەت دۇماسىدىن قوغلاپ چىقىرىشىمۇ بەس –مۇنازىرە قوزغىدى. رەسىمدە: 2012-يىلى پۇتىننىڭ پرېزىدېنت بولۇشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان «مىلىيون كىشى قارشىلىق كۆرسىتىش» نامايىشى.
تاراتقۇلار ئالدىدا، پۇتىن ياخشى ئەرلىك ئوبرازىنى ساقلاپ كەلمەكتە. پۇتىن بۇرۇنقى ئايالى ليۇدمىلا بىلەن بىر كونسېرتتا تونۇشقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پۇتىن تېخى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، پۇتىن بىلەن ليۇدمىلا نېۋا دەرياسىدا بىر كىچىك پاراخوتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. توي قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كاۋا ۋە ماشا ئىسىملىك ئىككى قىزى بولدى. ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ھىكايىلىرى ھەتتا كىنو قىلىپمۇ ئىشلەندى. «سۆيۈشەيلى، تاراتقۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس» دېگەن كىنو دەل پۇتىن بىلەن ليۇدمىلانىڭ مۇھەببەت ھىكايىسىنى مەنبە قىلغان. رەسىمدە: پۇتىن ۋە ئۇنىڭ ئىلگىركى ئايالى ليۇدمىلا
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، پۇتىن بىلەن ليۇدمىلانىڭ 30 يىللىق نىكاھى ئاخىرلاشتى. شۇ كۈنى پۇتىن ئەر-خوتۇن كرېمل سارىيىدا بىرلىكتە بالېت كۆرگەندىن كېيىن، تاراتقۇلارغا ئىككىسنىڭ ئاجراشقانلىقىنى جاكارلىدى. گەرچە ئەر –خوتۇن ئىككىلىسى چىرايلىقچە ئاجراشقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن تاراتقۇلار بۇ ئاجرىشىش پۇتىننىڭ « كوچا پاراڭلىرىدىكى قىز دوستى» كابايېۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشتى، كابايېۋا رۇسىيەنىڭ سابىق گېمناستىكا ئۇزغۇنى بولۇپ، « بەدئىي گېمناستىكا ئايال شاھى» دېگەن نامى بار. رەسىمدە: پۇتىن بىلەن ليۇدمىلا ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئېتراپ قىلىشى.
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، قىرىمدا ئومومخەلق ئاۋازغا قويۇش ئېلىپ بېرىلدى، سىتاتىستىكا نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %96.6 بېلەت تاشلىغۇچى قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشىنى قوللىغان. 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، قىرىم بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا رۇسىيەگە قوشۇلۇش ئەھدىنامىسى ئىمزالىنىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ رەسمىي تۈردە رۇسىيە زېمىنىنىڭ بىر قسىىمى بولغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئىشتىن سەل ئىلگىرى، ئۇكرائىنادا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە قىرىمغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ، قىرىمدىكى ئاساسلىق ھەربىي بازا ۋە پورتلارنى ئىگەللىگەن ئىدى. 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇكرائىنا قىرىمدىن ئەسكەر چېكىندۈردى، ئەمما قىرىمنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلمىدى. رەسىمدە: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، قىرىم خەلقى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قوشۇلغانلىقىنى تەبرىكلەشمەكتە.
[page]رۇسىيەنىڭ قىرىم مۇستەقىللىقىدە ئوينىغان رولى غەرب ئەللىرىنىڭ ئومومىيۈزلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. رۇسىيەنىڭ سەككىز دۆلەت گۇرۇھىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلدى. پولشا، ۋېنگرىيە، چېخ قاتارلىق شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئامېرىكىدىن تەبئىي گاز سېتىۋېلىپ، رۇسىيە تەبئىي گازىغا بولغان تايىنىشىنى ئازايتماقچى بولدى. ياۋروپا –ئامېرىكا يولغا قويغان ئىمبارگو سىياسىتى رۇسىيەنىڭ 2014-يىللىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قىيىنلاشتۇردى. ب د ت قىرىمدىكى ئومومخەلق ئاۋازغا قويۇشنى ئەيىبلىدى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت ( ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى (ئەنگىلىيە) ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، فرانسيە جۇمھۇرىيىتى قاتارلىقلار دائىمىي ئەزا، قالغان 10 دۆلەت ۋاقىتلىق ئەزا) ئىچىدە 13 دۆلەت قوللاش بېلىتى تاشلىدى، پەقەت رۇسىيەلا قارشى تۇردى، جۇڭگو ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. رەسىمدە: نامايىشچىلار رۇسىيەنىڭ ئافېنادىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا رۇسىيەنىڭ قىرىمغا مۇداخىلە قىلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved