ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن زىيارەتكە بارغان ھىندىستان زۇڭلىسى مۇدى 30-سېنتەبىر ئاق سارايدا كۆرۈشۈپ، سودا، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى جانلاندۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئوباما: ھىندىستاننىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دېدى.
ئىككى دۆلەت ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى رەھبەر ئورگان مەبلەغ سالغۇچىلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كاپىتال بازىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ توپلاش ئاساس قىلىنغان ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ مەبلەغ سېلىش تەشەببۇسىنى باشلاش؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسىنى ھازىرقى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن بەش ھەسسە كۆپەيتىشكە ۋەدە بەردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى رەھبەر ئىككى دۆلەتنىڭ 2006-يىلى ئىمزالىغان خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئامېرىكا ئەنگلىيەدە قۇرغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا توك يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئورتاق نىشاننى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر ئالاقە گۇرۇپپىسى قۇردى.
بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: مۇدى كۆرۈشۈشتە ئامېرىكا بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھىندىستاننىڭ دۇنيادىكى مەسئۇلىيەتچان ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قەد كۆتۈرۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئوباما بىر ياخشى دوست، ياخشى شېرىك بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىندىستاننىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ قارىدى، ھىندىستاننىڭ خەپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ھەمكارلىشىش جەريانىدا توقۇنۇشمۇ بولدى. ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ھىندىستاننىڭ بىر ئايال دىپلوماتى نيۇ يوركتا قولغا ئېلىنىپ قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىدى، بۇ ھىندىستاندا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved