شىنخۇا تورى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى: شىنخۇا ئاگېنىتلىقى 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى نيۇ يوركتىن بەرگەن تىلىگىراممىسى. ئامېرىكا ۋاقتى 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 50 ئۆتكەندە، نيۇ يورك پاي سودىسى چوڭ زالىدا ئالى بابا پاي نەرخىنىڭ باشلىنىشى باھاسى 92.7 دوللار بېكىتىلىپ، ئۆرلەش نىسبېتى 36% بولغان، ئومۇمىي بازار نەرخى 230 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولۇپ، facebook تىن ئېشىپ، ئامېرىكىدا پايچېكى بازارغا سېلىنغان ئېنتىرنېت شىركەتلىرى ئىچىدە google نىڭ كەينىگىلا تىزىلغان.
بۇ قېتىملىق IPO (تۇنجى ئاشكارىلانغان توپلانما پاي) توپلانما قىممىتى 217.7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ IPO غا ئايلانغان.
شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 غا قوڭغۇراق ئۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ قېتىملىق ئالماشتۇرۇلما ئىشلىرىغا مەسئۇل سودىگەرلەردىن باركلاي بانكىسى ۋە گولدمان ساچىس گورۇھى(Goldman Sachs) خادىملىرى بىرلىكتە پايچىكى باشلىنىش نەرخىنى بېكىتىشكە باشلىغان. مەسئۇل ئىككى تەرەپ ساتقۇچى – سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچۇرلىرىنى رەتلەپ، ئەڭ ئاخىردا باشلىنىش نەرخىنى رەسمىي بېكىتىپ ئېلان قىلغان.
ئالى بابا نىڭ ئومۇمى بايلىقى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقىدىن، باشلىنىش پاي نەرخىنى بېكىتىشكە كۆپرەك ۋاقىت كەتكەن. ئارىلىقتا ئالى بابا نىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن ۋە ئامېرىكا تېلىۋىزېزىيە ئىستانسىسى CNBC نىڭ رىياسەتچىسى پاراڭلاشقاچ، ئۇلارنىڭ پايچېكىنى نەرخلەشتۈرۈش جەريانىنى كۆرگەن.
ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، پايچېكىنىڭ باشلىنىش نەرخى36% ئاشقان. بۇ مەبلەخ سالغۇچىلارنىڭ ئالى بابانىڭ قىممىتىگە بولغان ئىتىراپ قىلىشىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بلۇمبېرگ ئاگېنىتلىقى(Bloomberg News) نىڭ سان – سېفىرلىرىغا ئاساسلانغاندا مايۈن جۇڭگودىكى ئەڭ باي كېشىگە ئايلانغان.
ئالى بابا 1999 – يىلى خاڭجۇدا قۇرۇلغان. ئارىلىقتا ئاران 15 يىل ئۆتۈپلا بازار باھاسى 200 مىليارد دوللاردىن ئاشقان چوڭ ئىقتىسادى گورۇھقا ئايلانغان.
مايۈن رىياسەتچىلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى ئىيىتقان: "بۈگۈن چوقۇم مۇۋەپپىقىيەت قازاندىم دىيىشكە قادىر ئەمەسمەن، ئەمەلىيەتتە ئالى بابا مۇۋەپپىقىيەتتىن خىلىلا يىراقتا. بۈگۈن بۇ يەردىن ئېلىپ قايتىدىغىنىم پۇل ئەمەس بەلكى ئىشەنچ، بېسىم ۋە مەسئۇلىيەتتۇر".
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved