ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 6-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىندا ، ھىندىستاندىكى 50 يىلغا يېقىن خورلانغان بىر پىل قۇتقۇزۇۋېلىنغان . قايتىدىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن جۇلا ئىسىملىك بۇ پىل كۆزىگە ياش ئالغان .
ئىگىلىنىشىچە ، گەرچە جۇلا ھەر كۈنى ئىگىسىنىڭ مەجبۇرلىشىدا بۇرنىنى ئۇزۇن سوزۇپ ، تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇرى بولسىمۇ ، ئىگىسى ئۇنىڭغا يىگۈدەك بىرەر نەرسە بەرمەيدىكەن ، ئاچارچىلىققا چىدىمىغان جۇلا ھەتتە پلاستماسسا ۋە كېرەكسىز قەغەزلەرنى يەپ قورسىقىنى توقلايدىكەن . پۇتلىرى كىشەن بىلەن باغلانغان جۇلا داۋاملىق دېگۈدەك ئىگىسىنىڭ تاپا تەنىسى ۋە قاتتىق قامچىلىشىغا ئۇچرايدىكەن . جۇلانىڭ قىسمىتىدىن خەۋەردار بولغان ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش خەير-ساخاۋەت ئورگىنى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ ، ساقچىلارنىڭ ياردىمى بىلان جۇلانى قۇتقۇزۇۋالغان .
نۆۋەتتە ، ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتۇلدۇرۇش خەير-ساخاۋەت ئورگىنى جۇلانىڭ يېڭى تۇرمۇشى ئۈچۈن 10 مىڭ فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 106 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) توپلىغان . مەزكۈز ئورگاننىڭ مەسئۇلى : جۇلا بەكمۇ ئېغىر كۈنلەردە قېلىپ ، كۆڭلى ئازار يېدى . بىز ئۇنىڭغا ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇنداق قەبىھ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۇرىمىز ، دېگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved