جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 3- ئاي 27- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 27- مارت 12 دىن 35 مىنۇت ئەتراپىدا ياپونىيە ئوكاياما ناھىيىسىنىڭ ساقچىلىرى ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان، تاكاھاشى شەھىرىدە بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پىچاقتا بىر ئوقۇتقۇچىنى يارىلاندۇرغان.
يەرلىك ساقچىلار ئادەم ئۆلتۈرۈش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان دەپ گۇمانلىنىپ ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بۇ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسىنى قولغا ئالغان. تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە، يارىلانغىنى بىر 58 ياشلىق ئەر ئوقۇتقۇچى ئىكەن. ئۇنىڭ قورساق قىسمى يارىلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە كوراشىيكى شەھىرى ئىچىدىكى بىر دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلماقتا.
بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دېيىشىچە، «ئوقۇتقۇچىنى ئۆلتۈرمەكچى» بولغاچقا پىچاق كۆتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشخانىسىغا بېسىپ كىرگەنىكەن.
نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ ئوقۇغۇچىنىڭ مەقسىتى ۋە يارىلانغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكتە.
مەنبەسى يەر شارى تورى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved