ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بىر قېتىملىق دىپلومات دەرىجىلىك يىغىندا، FBI باشلىقى جېمىس جۇڭگو ج خ مىنىستىرى گو شېڭكۈن قاتارلىق ئەمەلدارلار بىلەن بېيجىڭدا ئۇچراشقان، يىغىننىڭ باش تېمىسى «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش». لېكىن بىر قىسىم ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ نەزىرىدە، FBI باشلىقىنىڭ بۇ قېتىملىق جۇڭگو سەپىرى ئالمىغا پايدىسىز سېگنال بولۇشى مۇمكىنكەن، چۈنكى FBI ناھايىتى تېزلا سوتتا ئالما بىلەن تىركىشىدۇ.
بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز يېقىنقى مەزگىلدە قىزىق نۇقتا بولغان ئالما تېمىسى «iPhone 5c قۇلۇپى دېلوسى»، بىر قاتىل ئىشلەتكەن iPhone 5c كە چېتىلىدۇ، بۇ قاتىل ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا سان بېرناردىنودا بىر قېتىملىق 14 ئادەمنى ئۆلتۈرۈش دېلوسىنى سادىر قىلغان. شۇڭا FBI تېزلىكتە ئالمىنى ئىزدىگەن ھەمدە سوت مەھكىمىسىگە تايىنىپ ئالمىدىن بۇ يانفوننىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن، لىكىن ئالمىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
The Verge گە ئوخشاش بۇنداق تېخنىكا تاراتقۇلىرى بىۋاستىلا جېمىسنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا كېلىشى FBI نىڭ ئالما بىلەن بولغان جەڭدە جۇڭگونى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، جېمىسنىڭ جۇڭگوغا كېلىشى ئالمىغا تاقابىل تۇرۇش چارىسى ئىزدەۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
ئالما بىلەن FBI نىڭ تۈكۈرۈك ئۇرۇشىدا جۇڭگو كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى. مەسلەن، FBI ئالمىنى ئۆزىنىڭ ئۈسكۈنىسىدە ئۆزلىرى ئۈچۈن نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىدىغان ئارقا ئىشىك قالدۇرغۇزۇشنى ئويلاپ ئالمىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغاندا، «ناۋادا جۇڭگو ھۆكۈمىتى سىلەردىن مۇشۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلسا قانداق قىلىسىلەر» دەپ تىلغا ئالغان. ئىشلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، FBI بىلەن بىر تەرەپتە تۇرغان ئامېرىكا ئەدىلىيە مىنىستىرلىكىمۇ «ئالما جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ياردەملەشكەن تۇرۇقلۇق، ئامېرىكىغا ياردەم قىلىشتىمۇ مەسىلە يوق» دېدى.
لېكىن ئالما تەرەپنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا پەقەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىلا ئۇلارغا iOS نىڭ بىخەتەرلىكىنى تۆۋەنلىتىش ھەمدە ئارقا ئىشىك تەمىنلەش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇلار باشقا ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ ئابونىتنىڭ خۇسۇسىي سىرىغا دەخلى تەرۇز قىلمىغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved