شېنجېن نۇرلۇق « 20-دېكابىر » بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسى داۋالاش – قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ 27- دېكابىردىكى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 27- دېكابىر سائەت 16:00 گىچە، ۋەقەدە جەمئىي 17 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، 27–دېكابىر ئىككى ئادەم دوختۇرخانىدىن چىققان، بۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدىن چىققان ئادەم بەشكە يەتكەن. نۆۋەتتە، يەنە 12 ئادەم شېنجېن شەھەرلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسى، نۇرلۇق يولى يېڭى رايونى مەركىزىي دوختۇرخانىسى، شەھەرلىك 3-دوختۇرخانىدا كۈزىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئەھۋالى بىر قەدەم مۇقىم ئىكەن.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 گىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى 16 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى يەر، 40 ھاجەتخانا دېزىنفېكسىيە قىلىنغان، 15 دۆۋە ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىنغان؛ 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى چاشقان، 500 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى چىۋىن يوقىتىلغان بولۇپ، جەمئىي دېزىنفېكسىيە قىلىنغان يەر كۆلىمى 175 مىڭ 750 كىۋادرات مېتىرغا، قۇرۇت ئۆلتۈرۈش كۆلىمى 179 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن.
سەھىيە تارماقلىرى ھەر قايسى بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرى ۋە نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويغانلىقتىن، يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ھەمدە تاساددىپى يۈز بېرىدىغان تازىلىق ھادىسلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات يوق ئىكەن.
![]() |
ئامېرىكا Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان.
تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:
1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
|
![]() |
ئادىل غوجالىم
‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.
&...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved