نيۇ يوركتىكى جىنايى قىلمىشلار ئازىيىپ، ئامېرىكىدىكى ئەڭ بىخەتەر شەھەر بولۇپ قالدى

     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى بىر يىلنىڭ تۇنجى خىزمەت كۈنى نيۇ يورك شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاراتقۇلار ۋەكىللىرىنى شەھەرلىك ساقچى باش ئىدارىسىدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەركىزىگە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، نيۇ يوركنىڭ ئۆتكەنكى ئىككى يىلدىن بۇيان جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ ئۇدا تۆۋەنلەپ، داۋاملىق ھالدا پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئەڭ بىخەتەر چوڭ شەھەرلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

   خەۋەردە دېيىلىشچە، نيۇ يورك شەھىرىنىڭ ساقچى باشلىقى مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى نيۇ يوركنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى جىنايەت سادىر بولۇش نىسبىتى 2014- يىلىغا قارىغاندا %1.7 تۆۋەنلىگەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئىككى يىلدىن بۇيان جىنايەت سادىر بولۇش نىسبىتى %5.8 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 2014-يىلى نيۇ يوركتىكى قەسىتلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ نىسبىتى 50 يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن بولغان بولۇپ، 2015-يىلىدىكى ئۆيگە ئوغرىلىققا كىرىش ۋە ئېغىر دېلو سادىر قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ نىسبىتىمۇ يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يەتكەن.

     نيۇ يورك ساقچى باشلىقى يەنە شەھەر باشلىقى ۋە شەھەرلىك پارلامېنىتنىڭ شەھەرلىك ساقچى باش ئىدارىسىنى خىراجەت ۋە سىياسەت بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: 2016-يىلى 2000 نەپەر ساقچى يېڭىدىن كوچا چارلاش ئەترىتىگە كىرىدۇ، ھەمدە ھەر بىر ساقچى خادىمى ئۈچۈن يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋاب سەپلىنىپ بېرىلىدۇ، مەسىلەن 911 ساقچىغا مەلۇم قىلىش مەزمۇنىدىكى قىسقا ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە قوراللىق ھۇجۇم ئاۋازىنى كونتىرول قىلىش سىستېمىسى قاتارلىقلار. 2016- يىلىدىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يېنىك جىنايەتلەرگە بولغان قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە قولغا ئېلىشنى ئازايتىشقا مەركەزلىشىدۇ، ساقچى ئورگانلىرى بىلەن ئاھالىلەرنىڭ  مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا، تېخىمۇ يېقىن ۋە ئىناق ساقچى-پۇقرا مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىنىدۇ.

  نيۇ يورك شەھەر باشلىقى مۇنداق دېگەن: جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چۈشۈشى نيو يوركتا دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ساقچى ئەترىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى نيۇ يوركنى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئەڭ بىخەتەر چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇردى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېڭى بىر يىلدا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.



خەتكۈچلەر:
05-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek