مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى بىلەن تۈرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ۋە تۈرىنى باشقۇرۇشتىكى قائىدە، ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش ئىشخانىسى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى «12317» نازارەت قىلىش-پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېچىۋېتىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «12317» نازارەت قىلىش-پاش قىلىش تېلېفونىدا نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش، تەقسىملەش، ئىشلىتىشتىكى مەسىلىلەر، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ۋە باشقۇرۇشتىكى مەسىلىلەرنى شۇنىڭدەك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىش، خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشلىرى توغرىسىدىكى شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن پاش قىلىنغان مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا، پاش قىلغۇچىغا 20 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى ئىنكاس قىلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved