مېكسىدىكى بەش زەھەر ئەتكەسچىسى نامسىز قەھرىمان تەرىپىدىن باغلىنىپ كوچىدا سازايى قىلىندى

        ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مېكسىكىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى چىخۇاخۇا شتاتىنىڭ كاۋتىموك شەھىرىدىكى ساقچى دائىرىلىرى ھېچقانداق كۈچ سەرپ قىلمايلا بەش نەپەر زەھەر ئەتكەسچىسىنى تۇتۇۋالغان، ئەسلىدە بۇ بەش نەپەر ئەتكەسچى پىلاستىر بىلەن باغلىنىپ كوچىدىكى بىر چىراغ تۈۋرۈكىگە باغلىنىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئىشنى زادى كىمنىڭ قىلغىنىنى ھېچكىشى بىلمەيدىكەن.

       ئىگىلىنىشچە، بۇ بەش نەپەر كىشى «NewJuarez» زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇروھىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭ ئالدىدا بىر تاكسى شوپۇرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە چېتىشلىق ئىكەن. يولدىن ئۆتكۈچىلەر ئۇلارنىڭ بىر چىراغ تۈۋرۈكىگە باغلاقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان. نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشىلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا لاتا كەپلەنگەن، كۆزلىرى ئېتىۋېلىنغان ۋە ھەمدە قېلىن پىلاستىر ۋە ئارغامچا بىلەن كۈچىدىكى چىراغ تۈۋرۈكىگە باغلانغان ئىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە تېخى بىر پارچە خەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇلارنىڭ «NewJuarez» زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇروھىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى يېزىلغان. بۇنىڭدىن ھەيران قېلىشقان ساقچىلار نۆۋەتتە بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ «بۇ كىشىلەر سەييارە قەھرىمانلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغانمۇ ياكى ئۇلار تۇرۇشلۇق زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇروھىنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ ساقچىلارغا تاپشۇرۇل بېرىلگەنمۇ؟» دېگەن مەسىلىنى ئايدۇڭلاشتۇرماقچى بولغان.

    «NewJuarez»زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى ئاساسلىقى جارىز شەھىرىدە ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ جاي ئامېرىكىنىڭ دۆلەت چېگىرسى بىلەن قوشنا كېلىدۇ. دەل مۇشۇنداق قانخور، رەھىمسىز زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن جارىز شەھىرى مېكسىكىدىكى ئەڭ خەتەرلىك شەھەر دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئامېرىكا زەھەرگە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، «NewJuarez» زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇروھىنىڭ ھەر ھەپتىلىك پايدىسى ئاز دېگەندىمۇ 200 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek