جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 29-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 28-ئاۋغۇست كەچتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقنىڭ سۇرىيە تەۋەسىدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشقا تۇنجى قېتىم قاتناشتى دېدى.
7-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا يېقىن سۇرىيە چېگرىسىدىكى شۇلۇچ بازىرىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 33 كىشى قازا قىلدى، 104 كىشى يارىلاندى. تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى قاتىلنى ئىلگىرى سۇرىيەگە كىرىپ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقان تۈركىيىلىك ياش دەپ بېكىتتى. ئارقىدىنلا تۈركىيە دۆلەت سىرتىدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنى باشلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved