بۇ يىل ياز ، بىر مەيدان ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئويۇنى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئوينالدى. بىرى، ۋىكى سىر يېشىش تور بېكىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى فىرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ تېلېفونىنى ئۈچ نۆۋەت ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان . ئامېرىكا كەچۈرۈم سورىغان، فىرانسىيە بۇنىڭدىن چۆچىگەن.
يەنە بىرى ۋىكى سىر يېيىش تورىنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فرانسىيەنىڭ بىر قانچە سىياسىيونى ۋە چوڭ كارخانىسىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان، فرانسىيە يەنە قاتتىق چۆچىگەن.
يېقىنقى بىر خەۋەردە بۇنىڭ ئەكسىچە ئەھۋاللار ئاشكارىلاندى: فىرانسىيە تاراتقۇسى فىرانسىيەنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئوخشاشلا دېڭىز ئاستى كابېلىدىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان ، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىيلا ئامېرىكىمۇ بار.
قارىماققا ، پۈتۈن دۇنيادىكى جاسۇسلۇق ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ . فىرانسىيەدە چىقىدىغان « يېڭى كۆزەتكۈچىلەر » ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 1 – ئىيۇل مەخپىي ئوغرىلىقچە ئاڭلاش تۈرىنى خەۋەر قىلغاندىكى تەلەپپۇزىنىڭ ئادەتتىكىدەك بولۇشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، ماۋزۇسىمۇ : « فىرانسىيە قانداق قىلىپ ئوغرىلىقچە ئاڭلىدى» دەپ قويۇلۇپ ئۆزىنى مەسخىرە قىلمىغان.
بۇ خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 2008 - يىلى ، ئەينى ۋاقىتتىكى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى ئاخبارات ئورگىنى چەت ئەل بىخەتەرلىك باش ئىدارىسىنىڭ دېڭىز ئاستى كابېلىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن يەر شارىدىكى خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشقا ھوقۇق بەرگەن . بۇ تۈرگە 700 مىليون ياۋرو ( تەخمىنەن 770 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ) مەبلەغ سېلىنغان، مۇددىتى بەش يىل بولغان . چەت ئەل بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى فىرانسىيەدىكى مارسېل قاتارلىق جايلاردا دېڭىز ئاستى كابېل « توسۇش پونكىتى » ياساپ، ياۋروپا قىتئەسى بىلەن دۇنيانىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان.
بۇ تاراتقۇنىڭ ئېيتىشىچە ، خەۋەرلىشىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا ، 2008-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە فىرانسىيە ئاخبارات ئورگانلىرى ئاز دېگەندە بەش دېڭىز ئاستى كابېلىنىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار ئامېرىكا ، ھىندىستان ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، فىرانسىيە چەتئەل بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى يەنە ئەنگلىيەنىڭ خەۋەرلىشىشنى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىدىغان ئاخبارات ئورگانلىرى ھۆكۈمەت ئالاقە باش ئىشتابى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، ساركوزى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون 2010-يىلى 11-ئايدا ئىمزالىغان لانكاستېر بىناسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى چەت ئەل بىخەتەرلىك باش ئىدارىسىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پىلانىنى باشقا دېڭىز ئاستى كابېل لىنىيەلىرىگىچە ئۇزارتىپ ،2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان يېڭى بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈشنى خۇپىيانە تەستىقلىغان .
فىرانسىيەنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پىلاندىن باشقا، بۇ خەۋەردە يەنە مۇنداق بىر مۇھىم ئۇچۇر بېرىلدى : ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پىلانى ئىككى قېتىملىق زۇڭتۇڭنىڭ بىۋاسىتە ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشتى .
« يېڭى كۆزەتكۈچىلەر » ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ھەققىدە بۇرۇنقى ئىشلارنى چەشەنگەندە ئامېرىكىنىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ۋە سىياسىي ئەربابلارنىڭ تېلېفۇنىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ، ھاللاندى بىلەن ساركوزىنىڭ ئۆزىنى ئالاھىدە تۇتۇۋالغانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس، بۇ پەقەت بىر ئۈستەل يۈزىدىكى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ۋە ساختا قىياپەت. يەڭ ئىچىدىكى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش تۈرلىرى ۋە ئاخبارات توپلاشنى ئەمەلىيەتتە ھېچكىمنىڭ توختىتىپ قويغىنى يوق، كىمنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
فىرانسىيەنىڭ ئىپادىلەنگەن « غەزىپىكە ، ئامېرىكىمۇ ناھايىتى ماسلىشىپ ، ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ، « دىپلوماتىيە تولۇقلىمىسى » بەردى، قايتا خاتالىق سادىر قىلماسلىققا ۋەدە قىلدى. بىراق ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات خادىملىرى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بۇ ئويۇنغا ماسلاشتى.
ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى لاررى جونسون تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : ھوللاندى ئامېرىكىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقىدىن چۆچىمەسلىكى كېرەك ئىدى . ھوللاندى بۇنداق ئوغرىلىقچە ئاڭلاشتىن ساقلىنىشنى خىيال قىلغان بولسا ئۇنىڭ بالىلارچە گۆدەكلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇردى .
خۇددى فىرانسىيە چەت ئەل بىخەتەرلىك باش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئالاند شۇئەي دېگىنىدەك ، ئاخبارات ئويۇنى ئىچىدە دۈشمەن بىلەن ئۆزى ئايرىلمايدۇ ، پەقەت مەنپەئەتنى قوغداشلا مەقسەت قىلىنىدۇ . ئاخباراتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقلىق ، پەقەت ئايرىملىرى تۇتۇپ كېلىندى .
شۇئەي مۇنداق دېدى : ئاخبارات چەمبىرىكىدە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پىلانى ئەزەلدىن ئاشكارا مەخپىيەتلىك بولۇپ كەلدى. ھەممىگە مەلۇمكى ، ( ئامېرىكا ) دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2003 - يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن يەر شارىدىن سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش سىستېمىسى ئاچتى.
شۇئەي يەنە مۇنداق دېدى : ھەممەيلەن ئوغرىلىقچە ئاڭلاۋاتىدۇ ، فىرانسىيەمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالمىدى. « قولىمىزدىن كەلسىلا قىلىمىز. ئەنگلىيەلىك دوستلارمۇ بۇنىڭدىن قول ئۈزمىدى . نېمىسلار ۋە فرانسۇزلارمۇ بۇ ئىشنى توختىتىپ قويمايدۇ.
شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى ، بۇ قېتىمقى ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئويۇنى يەنە داۋاملىق ئوينىلىدۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە توختاپ قالمايدۇ . فىرانسىيەدە ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پىلانى ئاشكارىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، گېرمانىيە تاراتقۇلىرى 1 - ئىيۇل يەنە توساتتىن مۇنداق ئىشنى پاش قىلدى: گېرمانىيەدىكى بىر نەچچە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئاپپاراتى ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرىدۇ . ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ھەرىكىتى باش ۋەزىرى مېركىلنىڭ تېلېفۇنىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ . ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېيىنكى مەيدان ئويۇننى قانداق ئوينايدۇ؟
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved